باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى لايىھە»نى تارقاتتى

2017.10.30 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى لايىھە»نى تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنى قۇرۇش خىزمىتىنى تاماملاش، ئومۇمىي ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «لايىھە»دە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرما تۈزۈلدى. بېيجىڭ شەھىرى، سەنشى ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، جۇڭگوچە دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا ئېچىلىدىغان ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا ئۈچ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات بىلەن يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى تەرتىپلىك، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر