باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

31 ئۆلكىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئاھالە ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئېلان قىلىندى

بېيجىڭ، شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى

2017.10.27 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ 2017-يىللىق ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئاھالە ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئېلان قىلدى. شاڭخەي، بېيجىڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئاھالە ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەينىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئاھالە ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم 44 مىڭ 360 يۈەنگە ۋە 29 مىڭ 440 يۈەنگە يەتكەن.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە 2017-يىللىق ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 19 مىڭ 342 يۈەن بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9.1 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئاشقىنى %7.5 بولغان.

  ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى دېگىنىمىز، ئاھالىلەر ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمى ۋە ئامانەت پۇل يىغىندىسى، يەنى ئەركىن ئىشلىتىشكە بولىدىغان كىرىمىنى ھەم نەق پۇل كىرىمىنى، ھەم ماددىي كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىرىم مەنبەسى بويىچە، ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى، تىجارەت ساپ كىرىمى، مۈلۈك ساپ كىرىمى ۋە كۆچمە ساپ كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 13 مىڭ 162 يۈەن بولغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئاشقىنى %5.9 بولغان.

  ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال چىقىمى دېگىنىمىز، ئاھالىلەرنىڭ ئائىلە كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان بارلىق چىقىم ئېھتىياجىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ھەم نەق پۇل چىقىمى ۋە ماددىي بۇيۇم ئىستېمال چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىستېمال چىقىمى ئىچىدە يېمەكلىك، تاماكا-ھاراق، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ-جاي، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت، قاتناش، خەۋەرلىشىش، مائارىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ۋە باشقا بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمىتى قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈرگە ئايرىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر