باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شۈ چىلياڭ سۆز قىلدى، جاڭ يۇشيا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.10.27 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېقىندا يېپىلغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيە تارىخىدا مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، يادرونى قوغدىشىنىڭ ئەڭ ئەمەلىي ناماياندىسى، پارتىيەنىڭ ئىرادىسى، تەشەببۇسىنى ئارمىيەگە سىڭدۈرۈش، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشنىڭ دەۋر تەلىپى. پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەلىپى بويىچە، دەرھال پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاپ، تىرىشىپ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بۇرچنى ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشتە ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر