باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ خەلق تورىدا زىيارەتتە بولىدۇ

10-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 17:00دە، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ خەلق تورىدا زىيارەتتە بولىدۇ. بىۋاسىتە سۆھبەتتە سىزنى كۈتىمىز!

2017.10.27 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتى زۇڭلىسى دېمىترى ئاناتولىياۋىچ مېدېۋېدېۋ 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لى كېچياڭ بىلەن مېدېۋېدېۋ جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىسىنىڭ 22-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزىدۇ.

  10-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 17:00 دە، مېدېۋېدېۋ تەكلىپكە بىنائەن خەلق تورىدا زىيارەتتە بولىدۇ، «جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئاساسىنى پۇختىلاش» دېگەن تېمىدا جۇڭگولۇق تورداشلار بىلەن توردا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.ئون يىل بۇرۇن، مېدېۋېدېۋ رۇسىيەدە تۇرۇپ خەلق تورىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى ئارقىلىق جۇڭگولۇق تورداشلار بىلەن سۆزلەشكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۇڭزى، لاۋزىنى بىلىپلا قالماي، يەنە ۋۇلۇڭ چېيى ئىچىشنى، جۇڭگو كىنولىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، يەنە رۇسىيەلىكلەرگە جۇڭگو تىلىنى كۆپ ئۆگۈنىشنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  10 يىلدىن كېيىنكى ئالتۇن كۈزدە، توردىكى سۆھبەتلىشىش خەلق تورىدا يەنە قايتا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى، سىزنىڭ مېدېۋېدىۋغا دەيدىغان قانداق سۆزىڭىز بار؟ ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن كۈتىدىغان قانداق ئۈمىدلىرىڭىز بار؟ مۇنبەردە سۆز قالدۇرۇپ سوئال سورىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. بەلكىم زۇڭلى نەق مەيداندا سىزگە ئايرىم گەپ قىلىشى مۇمكىن!

  جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىنى پۇختىلاشتا، مەنمۇ بار، سىزمۇ بار!

  دېمىترى ئاناتولىياۋىچ مېدېۋېدېۋ

  1965-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى لېنىنگراد شەھىرى (ھازىرقى سانكت پېتېربۇرگ) دا تۇغۇلغان. 1987-يىلى لېنىنگراد دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (ھازىرقى سانكت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى) قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن.

  1990-يىلى، لېنىنگراد دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (ھازىرقى سانكت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىتى)دا ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەن.

  1990-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، سانكت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىتىدە قانۇن كەسپى بويىچە دوكتور ياردەمچىسى، دوتسېنت سالاھىتىدە دەرس ئۆتكەن.

  1990-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، سانكت پېتېربۇرگ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىس مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە سانكت پېتېربۇرگ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچى مۇتەخەسسىسى بولغان.

  1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، رۇسىيە فېدىراتسىيەسى زۇڭتۇك مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2000-يىلىدىن باشلاپ، رۇسىيە فېدىراتسىيەسى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بەڭگۇڭتىڭىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2000-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان.

  2001-يىلى، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان.

  2002-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان.

  2003-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، رۇسىيە فېدىراتسىيەسى زۇڭتۇڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2005-يىلى 11-ئايدا، رۇسىيەنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان.

  2008-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، رۇسىيە فېدىراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن ھازىرغىچە، رۇسىيە زۇڭلىسى بولۇپ كەلمەكتە.

  توي قىلغان، بىر پەرزەنتى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر