باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«دۇنيا بويىچە چوڭ بىر پارتىيەنىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆرۈش»

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى

2017.10.26 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا سايلانغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرى خەلق سارىيىدا تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ مەيدانغا چىقتى، ھەمدە جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  «يېڭى دەۋر ۋە يېڭى كەيپىيات بولۇشى كېرەك، ھەمدە تېخىمۇ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك»؛ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ؛ ئورتاق بېيىش يولىدا، بىرىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ».. . شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، شۇلارنى بىلدۈردى: چوقۇم مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، مۇھىم ئىشلارنى ئاقسىتىپ قويماسلىق كېرەك. خەلق گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان خەلقئارا زاتلار مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىزگە قەتئىي ئىرادىسىدىن ئۇچۇر يەتكۈزدى. ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ، جۇڭگو بۇندىن كېيىن خەلقئارا سەھنىدە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ زورئىجابىي رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.

  «ھازىرقى جۇڭگو بارغانسېرى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولدى»

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈشى يىغىنىدا، سېربىيە بېلگىراد باراۋەر دۇنيا مۇنبىرىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق بولۇپ، ئۇ، ئەپلىك ئورۇننى ئىگەللىگەن ۋە ئىشەنچكە تولغان. ئۇ سۆزلەردە جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونىڭ گۈزەل كەلگۈسى ھەققىدە دۇنياغا تولۇق ئىشەنچ ئاتا قىلدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگو ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى چوقۇم يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ، جۇڭگو بۇندىن كېيىن خەلقئارا سەھنىدە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ زور ئىجابىي رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.

  سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى چېن گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ھازىرقى جۇڭگونىڭ بارغانسېرى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولغانلىقىنى ماڭا ھېس قىلدۇردى. بۇ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئىپادىلەپلا قالماي، شۇنىڭ بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە بەلگىلەنگەن ئورنىغا بولغان ئىشەنچىسىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.

  قازاقىستان ـــ گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ئىگېلى ئىۋانوف مۇنداق دېدى: ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىرى كوللېكتىپى تۈرلۈك ۋەزىپە ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە قەتئىي ئىرادىسىنى يەتكۈزدى. سىياسىيونلارنىڭ تۆھپىسى خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چوقۇم جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، يېڭى نىشاننى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  پاكىستان بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نائىم چائۇدىرى مۇھەممەد مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، يېڭى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالىدۇ، بۇمۇ، نامرات، ئىشسىز ۋە ئادالەتسىزلىك قاتارلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتتىكى خىرىسلارنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي ھەل قىلىپ، يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جەنۇبىي ئافرىقا جىنشەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى گاس شىردۇن مۇنداق دەپ قارايدۇ: جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق يېرى شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنىڭ مەشھۇر رەھبىرىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىغانلىقىدا.

  ئىۋاننوف مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋر بولسا، بىر پۈتۈنلەي يېڭىچە ۋە تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە دەۋر. جۇڭگو كومپارتىيەسى ھازىر تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىنى تۈزەشنىڭ بىر ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى يەنە بىر مۆجىزە ياراتتى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە تەجرىبىلىرى بارغانسېرى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماقتا ۋە ئۇلارنى ئۆرنەك قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر