باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي بۇسى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۇسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىكى پاكلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە قانات يايدۇردى

2017.10.27 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەسكەر ئېلىشتىكى پاكلىق خىزمىتى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، قىسىملار ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەھبەرلىرىگە دوكلات قىلىش ئارقىلىق، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۇسى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۇسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىكى پاكلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇردى.

  ئۈچ تارماق مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىكى پاكلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر قىلىپ، پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باش بولۇپ ماسلاشتۇرۇش، ئورگانلار، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى كۈچەپ تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپ بولغان ئادەم ۋە ئىشلارنى ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تېز تەكشۈرۈپ تېز بېجىرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەم مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ھەم پارتكومنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قايتىلاپ تەكشۈرۈپ سۈرۈشتۈرۈش، ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىكى پاكلىق خىزمىتىنى داۋاملىق يەنىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر