خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ۋە سىرتتىن قاتناشقانلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، ما كەي، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، ليۇ يەندۇڭ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى جيەنگو، لى خۇڭجۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىڭئېر، فەن چاڭلۇڭ، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ شېڭمىڭ، سەي چى، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، لى پېڭ، جۇ رۇڭجى، لى رۈيخۇەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، سوڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۈەنجېڭ، لى چاڭچۈن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، يۇ چۈەن، ياڭ جىڭ، دۇ چىڭلىن، ليۇ چىباۋ، جاڭ چۈنشيەن، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، جاۋ خۇڭجۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا رەڭگارەڭ چىراقلار چاقناپ تۇراتتى، ھەممە بىر يەرگە جەم بولۇپ، خۇشال كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. 2700دىن ئارتۇق ۋەكىل، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل ۋە سىرتتىن قاتناشقانلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، رەتلىك كىيىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا، ھاياجان بىلەن، رەھبىرىي يولداشلارنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىككە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئالدىنقى بىر نەچچە رەتتىكى يولداشلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن ئارىلاپ پاراڭلىشىپ ئەھۋال سورىدى. ۋەكىللەر بەس-بەستە شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، قىزغىن ئەھۋال سورىدى. زالنىڭ ئىچى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن بولۇپ، كىشى قەلبىنى ئىللىتاتتى، چاۋاك ساداسى، ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى