باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەربىي لاگېرلارنى ئېچىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2017.10.27 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 26- چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رېن گوچياڭ 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەربىي لاگېرلارنى ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە، نەق مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدا 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى

  رېن گوچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك كاتتا يىغىن.. يولداش شى جىنپىڭ دوكلاتىدا، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق قىلىپ چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ غەلىبىسىنى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تەسۋىرلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى؛ پارتىيە رايىنى زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ئەل رايىنى ئۇرغۇتتى؛ ھەمدە قوشۇننى خاتىرجەم قىلدى.. يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىرىلدى. 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك 1- ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى سايلاپ چىقىرىلدى. بۇلار پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ قەتئىي قوللىشىغا ئېرىشتى.

  رېن گوچياڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى تەلىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمى يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش ۋە كۆرۈشنى تەشكىللىدى، ھەمدە كەڭ تۈردە ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلىشنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى تېزدىن ھەربىي لاگېرغا كىردى. بەش يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىزنى باشلاپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋرنى ياراتتى، پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيە ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە تارىخى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ سىستېمىسىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتىدىن تۈزۈپ چىقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى جەھەتتە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق ئارمىيەسى جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن مېڭىپ، كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر خۇشاللىققا چۆمدى ۋە ئۇلاردىن پەخىرلەندى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا تۆۋەندىكى لايىھەلەرنىڭ گۈزەل خەرىتىلىرى سىزىپ چىقىلدى: ئۇ بولسىمۇ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، خەق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بۇنىڭغا قارىتا، قايناق ھېسسىياتقا تولغان ۋە ئىشەنچىسى كامىل بولغان ھالدا، يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  رېن گوچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا..شۇڭا، كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىش ئۆلچىمى بويىچە تەلەپ قويۇپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە ھەربىي قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ئۇلارنىڭ يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز، ھەمدە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر