باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19- قۇرۇلتاي: جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى

2017.10.25 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 600 نەچچە نەپەر چەتئەل رەھبەرلىرى، پارتىيەلەر ۋە تەشكىلاتلار تېلېگرامما ياكى خەت ئەۋەتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، 130 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن مىڭ نەپەردىن ئارتۇق چەتئەل مۇخبىرلىرى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ زىيارەت قىلدى. ھەرقايسى دۆلەت مۇتەخەسسىسىلىرى ۋە ئالىملىرى يىغىنغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تەتقىق قىلدى. بۇ ئالتۇن كۈزدە، جۇڭگونىڭ بۇ تەنتەنىلىك يىغىنىغا پۈتۈن دۇنيا ئورتاق شاھىت بولدى، ھەمدە بىردەك ھالدا، بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقى بۇ يىلقى دۇنيادىكى بەك مۇھىم بولغان چوڭ بىر ئىشتۇر، دەپ قارىدى.

  جۇڭگو ھازىر دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، شۇنىڭغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگونىڭ پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو پۇرسىتى كۈندىن- كۈنگە يەر شارىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. يېڭى دەۋر، يېڭى ئىدىيە، يېڭى بۇرچ ۋە يېڭى مۇساپە، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زىچ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو ھېكايىسى، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى كۆزلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى بۇ خىل ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا ئىلھام بەردى.

  19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئۆتكەن بەش يىللىق تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى ۋە ئۇنى نامايان قىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ ئېگىزدە لەپىلدەپ تۇرىۋاتقان ئۇلۇغ بايرىقى دۇنياغا شۇنى تونۇتتىكى، سوتسىيالىزم 500 يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق تۈردە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرىدىكەن.

  ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى پېيرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بەش يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۆز ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىنىڭ قايتا تەڭپۇڭلۇقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ سىياسىي تەتقىقات ۋە مۆلچەرلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋىنوگرادوۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىش يولىنى كېڭەيتتى.

  كېنىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى روبېرت شىكىمۇھەممەد شىتانكى مۇنداق دېدى: ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى جۇڭگو كومپارتىيەسىنى ئۈلگە قىلىپ، دۆلەتكە يولباشچىلىق قىلىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يولنى تېپىشى كېرەك.

  «جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى»...... 19- قۇرۇلتاي بېكىتكەن بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر، ئىنسانلار ئورتاق دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە پايدىلىق ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بېرىۋاتىدۇ.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: 19- قۇرۇلتاي «دۇنيا خەرىتىسى ئالدىدا تۇرۇش» پوزىتسىيەسىدە ئېچىلغان بىر يىغىن بولدى. جۇڭگو ھازىر دۇنيا بازىرى تورىنىڭ «يېڭى مۇلازىمەتچىسى» بولۇپ قالدى. «دۇنيا خەرىتىسى ئالدىدا تۇرۇش» پوزىتسىيەسى بىلەن دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشنى ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى، ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزنىڭ يېڭى ئەقىل-پاراسىتى ۋە لايىھەسى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

  فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىلگىرىكى نەتىجىلەر ئاساسىدا دۇنيانى داۋاملىق تۈردە ئۆزنىڭ ئۇلۇغۋار جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  19-قۇرۇلتاينى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىكىدە يىپيېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو ئەمەلىيىتى خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ زور تەسىر ۋە چاقىرىق كۈچى، ھەم شۇنداقلا يارىتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تىنچ تەرەققىياتنىڭ چوڭ دولقۇنىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر