باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە پۈتۈن مەملىكەتتە دولقۇ كۆتۈرۈلمەكتە

2017.10.25 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە، ھەمدە بۇ دولقۇن پۈتۈن مەملىكەتكە يېيىلماقتا.

  10-ئاينىڭ 19- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا گۇيجۇ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر خىل تەشۋىقات شەكلى ۋە ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كارخانلار، يېزىلار، ئورگانلار، مەكتەپلەر، مەھەللىلەر ۋە ھەربىي لاگېرلارغىچە يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلارنى تولۇق غەيرەتكە كەلتۈرۈش لازىم.

  ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى قويۇق، ئۆگىنىش شەكلى يېڭىچە ۋە ئىنكاسى قىزغىن بولماقتا.

  دېمەك، بىر دولقۇن كۆتۈرۈلمەكتە

  10- ئاينىڭ 22 - كۈنى، دەل شۇ ۋاقىتتا خىزمەتچىلەرنى باشلاپ مەھەللىگە بېرىپ زىيارەت قىلماقچى بولىۋاتقان سىچۈەن ئۆلكىسى زىياڭ شەھىرى يەنجياڭ رايونى ليەنخۇا كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خوڭگاڭ مۇنداق بىر قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ ئۇچۇردا: 19- قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىدا، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتلەر تىپىدىكى ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسى كۆرسىتىلدى. شۇڭا بىز ئاساسىي قاتلامدا، خەلقنى رازى قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەتلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك، دېيىلگەن. لىيۇ خوڭگاڭغا ئۇ قىسقا ئۇچۇرنى يوللىغان كىشى بولسا، ليەنخۇا كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ فېڭ ئىدى. ئۇ ئۇچۇرنى يوللىغان چاغدا، ئۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەل بېيجىڭدا يېغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىدى.

  «يىغىن مەيدانىدىن يەتكۈزۈلگەن يىغىن روھىنىڭ تېخىچە ھورى چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ». نۇرغۇن ۋەكىللەر 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى دەل ۋاقتىدا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلارغا يەتكۈزۈپ بەردى.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تېزلىكتە ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنيۈەن ناھىيەسى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ئىدارىسى 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش»نىڭ ئۇسۇلى مەسىلىسىنى خۇلاسىلىدى ۋە ئۆگىنىش قىلدى: بىرىنچى قەدەم «كۆرۈش»، يەنى دوكلات كۆرۈش؛ ئىككىنچى قەدەم « ئۆگىنىش»، يەنى ئۆگىنىش قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش؛ ئۈچىنچى قەدەم «ئىشلەش»، يەنى سەمىمىي ئىشلەش.

  19- قۇرۇلتاينىڭ روھى ئاللىقاچان تېز سۈرئەتتە كەڭ يېزىلارغا تارقالدى. خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇفېڭ ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ليۇ شياۋدەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇ بارغان شۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە بىر تەرەپتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ كېلەر يىللىق لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا 19- قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىنى چۈشەندۈردى.

  پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئىزچىللاشتۇردى. دېڭىز ئارمىيە سىناق مەشىق قىلىش بازىسىنىڭ مەلۇم باش پونكىتىدىكىلەر يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلدى. سىرتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خادىملار ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ بېرىپ، يىغىنغا ئائىت ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا ئىش ئورنى ۋە جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتىپ بەدى، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دەرس تولۇقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئۆگىنىشكە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر