باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەرب ئەللىرى بەلكىم يەنە قايمۇقۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن جۇڭگو ئاللىقاچان «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇردى» (1)

2017.10.25 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى يېپىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى 19-قۇرۇلتاي مەزگىلىدىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.

  يولداش شى جىنپىڭ ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئورۇنداپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا، پارتىيەمىز تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپە ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ ئىدىيەنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، سەككىز «ئايدىڭلاشتۇرۇش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «明确» سۆزىدىكى «确»نىڭ مۇقىملاشتۇرۇش دېگەن مەنىسى بار. دوكلاتنىڭ پۈتۈن تېكىستىدە يەنە 24 قېتىم «قەتئىي (坚定)» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن، 14 «قەتئىي» ۋە 14 «ئۆزىگە ئىشىنىش (自信)» جۇڭگونىڭ چەكسىز «ئېنىقلىق»ىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھازىرقى غەرب جەمئىيىتىنىڭ ئېنىقسىز، ھەتتا قايمۇقۇشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى.

  جۇڭگونىڭ «ئېنىقلىقى» ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ «قايمۇقۇشى»

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى سەككىزنى «ئايدىڭلاشتۇرۇش»، 24 «قەتئىي»، 14 «چىداش»، 14 «ئۆزىگە ئىشىنىش» قاتارلىقلار جۇڭگونىڭ «ئېنىقلىقى»نى ئەكس ئەتتۈردى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، غەرب ئەللىرى ھېلىمۇ «قايمۇقۇش» ھالىتىدە تۇرماقتا.

  بۇ بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان، غەرب ئەللىرىدە ئىجتىمائىي نارودنىكلىق، يەر شارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش پىكىر ئېقىمى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى. سىياسىي سايلام نارودنىكلىق پاتقىقىغا پېتىپ، ئىجتىمائىي قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلسە ھەمىشە سايلىغۇچىلارنىڭ رايىغىلا قاراپ، ئاقىلانە تەدبىرگە تايانمىدى. بۇ، دۆلەت ۋە خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن سىياسەتلەرنى يولغا قويالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن، تۈزەش ئۈنۈمى ناچار بولدى. بولۇپمۇ بەزى چوڭ دۆلەتلەر ئاتالمىش ئىقتىدارلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا پەرمان، سىياسەتلەر ياكى ئەتىگەنكى بۇيرۇقنى كەچتە بىكار قىلىدىغان، ئىزچىللىقى، تۇراقلىقلىقى كەمچىل بولۇش ياكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كۈرىشى، سىياسىي بىلەن ئىنكار قىلىش ئارىسىغا پېتىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەردى. ئاممىۋى سىياسەت تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا، كۆپ ھاللاردا سايلىغۇچى خەلقنى ساقىت قىلىپ قويدى.

  مۇناسىۋەتلىك يېرى شۇكى، غەربتىكى بەزى چوڭ دۆلەتلەر «ئۆزىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، قايتىدىن قورۇقچىلىق ۋە بېكىنمىچىلىكنى چىڭ قۇچاقلاپ، يەر شارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. مەيلى دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش جەھەتتە، ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى تۈزەش جەھەتتە بولسۇن، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق ھاسىل قىلغان تونۇشلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا تەرتىپتە ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلدى.

  بۇنىڭدەك خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈش ئارقىسىدا، دۇنيا «شەرققە» قارىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى «ئېنىقلىق»نى كۆرسىتىپ، جۇڭگونى گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتقا يېتەكلەپ مېڭىپلا قالماي، يەنە دۇنياۋى گۇماننى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، كېيىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىشى ئۈچۈن، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان پارتىيە، خەلق ۋە دۇنيا شۇنى كۆردىكى، ئاشۇ ئاتالمىش دېموكراتىيەلىشىش (بولۇپمۇ غەربچە دېموكراتىيە)نى ئىلگىرى سۈرىدىغان دۆلەتلەر نەتىجىدە نارودنىكلىقنى كۈچەپ يۈرگۈزدى، ئۇلارنىڭ دۆلىتى ئىچىدە پىكىر ئىختىلاپى ئېغىر بولدى، ئورتاق تونۇشقا كېلىشى، كۈچنى توپلاپ ئىش قىلىشى ناھايىتى تەس بولدى؛ ھۆكۈمىتى كۆپ ھاللاردا زىيادە ۋەدە، قۇرۇق ۋەدە بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى توختاپ قېلىش، پۇل پاخاللىشىش، نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بولۇش، ھەتتا جەمئىيەتتە داۋالغۇش بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بولۇپمۇ بىر قىسىم نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان، زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتى تېخى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخمۇ شۇنداق، لېكىن جۇڭگو ئاللىقاچان ئۆزىگە ماس كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ بولدى.

  جۇڭگو شۇنى تونۇپ يەتتىكى، يەر شارىلىشىش بولسا بۈگۈنكى خەلقئارا تەرەققىيات يۈزلىنىشىدۇر. بويسۇنغانلار روناق تاپىدۇ، قارشى چىققانلار ھالاك بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا جۇڭگونىڭ يەر شارىلىشىش تەشەببۇسىنى بايان قىلدى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئېچىۋىتىش ۋە تەرەققىياتقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت ئورنىدا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، جۇڭگو يەر شارىلىشىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى. يەرشارىلىشىش تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىش جەھەتتە، جۇڭگو ئازراقمۇ ئىككىلىنىپ قالمىدى، بەلكى دۆلەت ئىچىدە ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىگە يېزىپ، خەلقئارادا ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، يەر شارىلىشىش تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللاپ، قورۇقچىلىققا قەتئىي قارشى تۇردى.

  جۇڭگونىڭ «ئېنىقلىقى» ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ «قايمۇقۇشى» ئارقىسىدا، ئۈنۈملۈك تۈزەش ۋە ئۈنۈمسىز تۈزەش، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى سېلىشتۇرما بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر