باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا يېپىلدى

2017.10.24 15:07   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا يېپىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى سايلام ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، 24-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يېپىلىش يىغىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا باشلاندى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 2354 نەپەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە 2336 نەپەر ۋەكىل قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل سانىنىڭ يېرىمىدىن ئاشقان بولۇپ، يىغىن سايلام چارىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن.

  يىغىندا ئالدى بىلەن ئىككى باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە 36 نەپەر بېلەت نازارەتچىسىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

  باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى بىلەن 204 نەپەر ئەزا، 172 نەپەر كاندىدات ئەزالاردىن تەشكىللەنگەن 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنى سايلاپ چىقتى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 133 نەپەر ئەزاسىنى سايلاپ چىقتى.

  سائەت 11دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ: 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا سايلاپ چىقىلدى، دەپ جاكارلىدى. پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ئارقىدىن، يىغىندا ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قۇرۇلتاي يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنى تەستىقلىدى.

  يىغىندا ج ك پ 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. يىغىندا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

  يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھە)» توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەنىڭ ماقۇللانغان كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى قارار قىلىندى.

  يىغىن پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلگەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن بىر قاتاردا پارتىيەنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  يىغىن قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ئىچىدە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…