خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە ۋە 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3-، 4-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە)نى ماقۇللاپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا سۇندى.
يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە) ماقۇللاندى، ئىسىملىكنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا قويۇش قارار قىلىندى.
ئىگىلىنىشچە، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ماقۇللىغان 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ ئىسىملىكىنى ئەستايىدىل غۇلغۇلا قىلغان، ۋەكىللەر بۇ ئىسىملىك قاتتىق تەشكىلىي تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈش، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈپتۇ، ھەر قايسى جايلار، تارماقلار، ھەر قايسى سەپلەر، ھەر قايسى ساھەلەردىكى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى ۋە مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى توپلىنىپتۇ، ئومۇمىي ساپاسى ياخشى، قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇۋاپىق، تارقىلىشى بىر قەدەر تەكشى، ئاممىۋى ئاساسى بىر قەدەر ياخشى بولۇپتۇ، بىر قەدەر ئەتراپلىق ئويلىشىلغان لايىھە بولۇپتۇ، دەپ قارىغان.
10-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇرۇلتاي ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى تەييارلىق سايلىمىنى ئۆتكۈزدى. قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تەييارلىق سايلىمىدا ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسى قوللىنىلدى، ئارتۇق نامزات نىسبىتى %8تىن كۆپ بولدى، پۈتكۈل تەييارلىق سايلىمى خىزمىتى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلدى، تەييارلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە.
قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قۇرۇلتاي ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3-، 4-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ ئىسىملىكىنى غۇلغۇلا قىلدى.
10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قۇرۇلتاي رەسمىي سايلام ئۆتكۈزىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى