باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 15:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم قۇرۇپ، كۈچلۈك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش شەرت.

  دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ماشىنىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارنى كۆپرەك ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى بىلەن بىردەك بولۇپ، ھەربىي نەزەرىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشى، ئارمىيە تەشكىلىي شەكلىنىڭ زامانىۋىلىشىشى، ھەربىي خادىملارنىڭ زامانىۋىلىشىشى، قورال- جابدۇقلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 2035- يىلىغا بارغاندا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنياۋى قالتىس ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش» تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىيلەر شان- شەرەپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرگە خاس روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك ۋە ئەخلاقلىق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىلدۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېرلارنى كەسپىيلەشتۈرۈش تۈزۈمى، مۈلكىي خادىملار تۈزۈمى قاتارلىق زور سىياسەت- تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي باشقۇرۇش ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. پەن- تېخنىكا − يادرولۇق جەڭگىۋار كۈچ دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، زور تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجادچان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش كېرەك. ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. بارلىق خىزمەتتە جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغان بولۇشنى نىشانلاش شەرت. ھەر قايسى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ساھەسى ۋە يېڭى خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچى ۋە كاپالەت كۈچىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش بويىچە ھەربىي مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي كۈچنىڭ ئىشقا سېلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلارنىڭ ئاقىللىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسىغا تايىنىپ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى، پۈتۈن دائىرىلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ھالەت شەكىللەندۈرۈش، خەۋپنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، ئۇرۇشنى توسۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئەڭ يۇقىرى پەللىدىن لايىھەلەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا سانائىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە- خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىش لازىم. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك، مۇقىم، زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش- كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش لازىم. قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بىزنىڭ ئارمىيەمىز − خەلقنىڭ ئارمىيەسى، بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەمىز − ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى. بىز ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلىشىمىز لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر