باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدىن 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنىغىچە

2017.10.20 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنى

  مۇھىم نۇقتىلار: ئۇ يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللىكتىپى سايلاپ چىقىلدى

  2012- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى

  ئومۇمىي يىغىندا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سايلاپ چىقىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى ماقۇللاندى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەشكىلىي ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى.

  18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان شۇجى، مۇئاۋىن شۇجى ۋە دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى ماقۇللاندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنى

  2013- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە

  مۇھىم نۇقتىلار: خادىملار ئىشلىرى

  يىغىندا، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىغا سۇنۇپ تەۋسىيە قىلىنىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرى نامزاتلىرى تەكلىپ تىزىملىكى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك 1- يىغىنىغا سۇنۇپ تەۋسىيە قىلىنىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى نامزاتلىرى تەكلىپ تىزىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  «گوۋۇيۈەن ئورگانلار ئىسلاھاتى ۋە فۇنكىسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، گوۋۇيۈەنگە بۇ لايىھەنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش تەكلىپى بەردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى

  2013- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە

  مۇھىم نۇقتىسى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قانچە زور مەسىلىگە ئائىت قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى

  2014- يىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە

  مۇھىم نۇقتىسى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قانچە زور مەسىلىگە ئائىت قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى

  2015- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە

  مۇھىم نۇقتىسى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات 13- بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى

  2016- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە

  مۇھىم نۇقتىسى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش

  «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىر قانچە مىزان» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت نىزامى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7- ئومۇمىي يىغىنى

  2017- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە

  مۇھىم نۇقتىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  پارتىيەنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلىدىغان دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە ماقۇللاندى.

  پارتىيەنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلىدىغان خىزمەت دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە ماقۇللاندى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە ماقۇللاندى.

  بۇ ئۈچ پارچە ھۆججەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈپ ۋە قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر