باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر تەرەپلىمە ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر

ـــ 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە سۆزلىدى

2017.10.20 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بەش يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر كۆپ تەرەپلىمىلىك، ئىجادىي بولدى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك بولدى.» يولداش شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدا، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلەرگە بولغان ئەسلەش ۋەكىللەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ئىچكى - تاشقى مۇھىتقا قارىتا، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.

  پارتىيەنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالدى

  ئۆتكەن بەش يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تيەنجىن- خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دېلتىسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  19-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شيامېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى پېي جىنجيا: «فۇجيەن 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېچىۋېتىش تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى»، دېدى.

  18-قۇرۇلتايدىن بۇيان ھەل قىلىنغان قىيىن مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغاندا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نۇرغۇن ۋەكىللەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھىرى خوڭئەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈ شۆۋۇ: «ئىلگىرى بەزىلەر چىرىكلىك مەسىلىسىنى ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگۈچە قالمايدۇ، دېگەن ئىدى. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون يوق بولۇش، ھەممىنى قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، قەتئىي تەۋرەنمەي ‹يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ تەڭ زەربە بېرىش›، ‹تۈلكە ئوۋلاش›تا چىڭ تۇردى. نۆۋەتتە، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چىرىكلىشەلمەيدىغان قەپىزى بارغانسېرى پۇختىلاشتى، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق توسۇقى بەرپا قىلىنماقتا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتى شەكىللەندى ھەمدە مۇستەھكەملەنمەكتە ۋە راۋاجلانماقتا»، دېدى.

  ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېتىشتۈرۈشتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، يېڭى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىپ، غەيرىتى بارغانسېرى ئاشتى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى

  ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، «12-بەش يىللىق يىرىك پىلان» غەلىبىلىك تاماملاندى، «13-بەش يىللىق يىرىك پىلان» ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش… ئۆتكەن بەش يىلدا، ئېلىمىزدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئۇل سېلىندى.

  ئىدىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قارىتا، 19-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى لياۋ جۈنبونىڭ يۇرتىدىن كەلگەن فۇجيەن ئۆلكىسى پۇتيەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن باۋجىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لياۋ جۈنبونىڭ ۋۇجۇدىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدۇ. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، كادىرلار ۋە ئاممىغا بولغان چاقىرىق كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. «بۇ بىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىز، شۇنداقلا مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىمىز.»

  تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق ئۈچۈن چوقۇم تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك

  نەتىجە كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ھاياجانغا سالىدۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش زۆرۈر

  يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا-دۇمباق چېلىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىردىن باشلاپ 2020-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتىدۇر. بىز مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچلەندۈرۈپ، بولۇپمۇ زور خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈپ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش — ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ.

  جياڭسۇ ئۆلكسى تەيجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل چۈ فۇتيەن مۇنداق دېدى: پەقەت پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئېلىپ بارساق، دەۋر ئاۋانگارتى، تايانچ كۈچى بولساقلا، چوقۇم خەلقنى يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر