باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلاش لازىم

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 15:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلاش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسى پارتىيە ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىناق تاش. خەلق مەنپەئىتىنى باشتىن- ئاخىر ھەممىدىن ئەلا ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش شەرت.

  ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش لازىم. ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەممەيلەن بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەپ، جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوبدان ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تور مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر بىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلىش لازىم. كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرلىشىشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر- يېزىلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش، ئالىي مائارىپتا ئوقۇيدىغانلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. داۋاملاشما مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەتنى تېز بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش لازىم.

  ئىككىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىش لازىم. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلار توپىنىڭ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي يۆتكىلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرىنى تۈگىتىپ، ھەممەيلەنگە تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي تاپقۇزۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش لازىم. ھۆكۈمەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كارخانا ئورتاق ئىشتىراك قىلىدىغان كېڭىشىش- ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش لازىم. ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامىلغا قاراپ تەقسىم قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ ئىشلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىش يولى بىلەن بېيىشقا ئىلھام بېرىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى كۆپەيتىش، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەش، قانۇنسىز كىرىمنى چەكلەش لازىم. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئەمگەك ھەققىنى تەڭ قەدەمدە ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاھالىنىڭ ئەمگەك كىرىمى ۋە مال- مۈلۈك كىرىمى يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قايتا تەقسىملەش- تەڭشەش فۇنكسىيەسىنى ئوبدان ئادا قىلىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كىرىم تەقسىمات پەرقىنى كىچىكلىتىش لازىم.

  ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر- يېزا بىر تۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق- مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، كاپالىتى مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ چىقىش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملىنىشىنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر- يېزا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئەر- ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئاياللار- بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، خەيرىيەت ئىشلىرى، نەپىقە بېرىش- ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردا ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ يول بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، پۈتكۈل خەلقنى ئولتۇرىدىغان ئۆيگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مەركەز بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر- ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى باشلىقى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى نۇقتىلىق ئورۇنداپ، 2020- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ھەممە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش لازىم.

  بەشىنچى، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك. تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش- ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى، داۋالىنىش كاپالەت تۈزۈمى ۋە سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش ، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق بېقىشنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، دورا تەمىنات كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېغىر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش لازىم. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەلقنى يېمەكلىكتىن خاتىرجەم قىلىش كېرەك. جۇڭگو تېبابەتچىلىكى بىلەن غەرب تېبابەتچىلىكىگە تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ،جۇڭگو تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىنى قوللاش، ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تۇغۇت سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ ياندىشىشى- جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش لازىم. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتىدىغان، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق قىلىدىغان، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى يارىتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنىڭ بىرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.

  ئالتىىنچى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىسىنى يارىتىش. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما ئىشتىراك قىلىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئاقىللىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئىجتىمائىي زىدىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا ھەل قىلىش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە- كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ،«سېرىق، قىمار، زەھەر»، مۇشتۇمزورلۇق، ئالداپ كېتىش، ئالدامچىلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى جازالاپ، خەلقنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مۈلۈك ھوقۇقى، ئادەملىك ھوقۇقىنى قوغداش لازىم. ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، غۇرۇرنى ساقلايدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاقىلانە، مۇلايىم ئىش قىلىدىغان، ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەھەللىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەڭشەش، ئاھالىلەر ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشنىڭ بىر- بىرىگە ئوبدان تۈرتكە بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.

  يەتتىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداش. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، تۈرلۈك بىخەتەرلىك خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇنچىلىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىدە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئالىي ئۆلچەم قىلىش شەرت. خەلق ئاممىسىنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئىشلاردىن تۇتۇش قىلىپ، خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر