باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش لازىم

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسى − خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئەڭ كەڭ، ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ ياراملىق دېموكراتىيە. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىغا تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى − جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشتە يەكۈنلىگەن تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى ۋە ئەمەلىيەت لوگىكىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى؛ پارتىيەنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ، پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. دۇنيادا پۈتۈنلەي ئوخشاش سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسى يوق؛ سىياسىي تۈزۈمگە مۇئەييەن ئىجتىمائىي، سىياسىي شارائىت ۋە تارىخ- مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن چەتنەپ ئابستراكت باھا بېرىشكە بولمايدۇ؛ ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىشقا، چەت ئەلنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئاكتىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تەرتىپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ھەرخىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جانلىق- تېتىك، تىنچ- ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

  پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە رەھبەرلىكى − خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلق خوجايىن بولۇش − سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي ئۇسۇل، بۇ ئۈچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلگەن. دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ھاياتىدا پارتىيە رەھبىرىي ئورۇندا تۇرىدۇ، پارتىيەنىڭ مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن ۋە نىزامنامە بويىچە فۇنكسىيە يۈرگۈزۈشى، خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك، بۇ ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن.

  خەلق خوجايىن بولۇشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى − پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، بۇ تۈزۈمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش. با مەسلىھەت ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش − خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى − پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، دۆلىتىمىزدىكى دېموكراتىك سىياسىينىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كېڭىيىش، كۆپ قاتلاملىشىش ۋە تۈزۈملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ كۈندىلىك سىياسىي تۇرمۇشتا كەڭ، سىجىل ۋە چوڭقۇر ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى − جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە دىققەت- ئېتىبارنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور سىياسەت- فاڭجېنلىرى ۋە مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش لازىم. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىكى ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئاشۇرۇپ، ئەزالار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر ئىنقىلاب. قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننىڭ ئىلمىي ئاساستا چىقىرىلىشى، قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى، ئادىل يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش شەرت. مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى ۋە قانۇننى تەتبىقلىشى كېرەك؛ ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭمۇ، شەخسنىڭمۇ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سۆزنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇننى بېسىشقا، مەنپەئەتنى دەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  ئاپپارات ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئىچكى ئاپپاراتىنىڭ ھوقۇقىنى ئىلمىي ئاساستا تەسىس قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. تۈرلۈك ئىشتات بايلىقىنى بىر تۇتاش ئىشلىتىپ، ئىلمىي- مۇۋاپىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى رازى قىلىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش لازىم. ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۆپ بېرىش كېرەك. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەردىكى فۇنكسىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەسىس قىلىش ياكى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جامائەتچىللىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنىڭ، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنىڭ ئايرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم.

  ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. بىرلىك سەپ − پارتىيە ئىشلىرىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش شەرت. ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە بۈيۈك بىرلىك تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچى ساننى تېپىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ھاسىل قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر