باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچى

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 14:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا، كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى تارىخىي بۇرچنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى ياراتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېزا ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت توغرا ئىنقىلاب يولىنى تېپىپ، 28 يىل قانلىق جەڭ قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى ئورۇنداپ، 1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال مۇستەبىت سىياسىيدىن خەلق دېموكراتىيەسىگە بۇرۇلىدىغان ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى ئورۇنداپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى تاماملاپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرتنى ھازىرلاپ ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندا ئۈزلۈكسىز زاۋالغا يۈز تۇتۇش تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئىزچىل گۈللىنىش ۋە بېيىپ قۇدرەت تېپىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە تۈزۈلمە توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگونى چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغىچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا- دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھازىرلىنىشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش شەرت. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە تېخىمۇ ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، بۇرمىلايدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ خەلق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدىشى، خەلق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان دەۋر ئېقىمىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ئاتلىنىپ، بارلىق جاھىل ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىشى؛ دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدىشى، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن ھەرخىل خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ۋە تەبىئەتتە كۆرۈلگەن بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى قەتئىي يېڭىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە بۇ ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش شەرت. بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش − پارتىيەمىز ھازىر چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىۋاتقان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى چىڭىتىپ، مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان ۋىرۇسلارنى تولۇق تازىلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئىدىيەنى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش شەرت. پۈتۈن پارتىيە يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچەيتىشى، بېكىنمە ۋە قاتمال كونا يولغىمۇ، بايراق ئۆزگەرتىدىغان قىڭغىر يولغىمۇ ماڭماي، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەلنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى باشتىن- ئاخىر قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ بىر- بىرىگە زىچ باغلىنىدۇ، بىر- بىرىگە سىڭگەن بولىدۇ ۋە بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى − پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنى، تۈرلۈك ئىچكى- تاشقى خەۋپ- خەتەر ۋە سىناققا تاقابىل تۇرىدىغان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن- ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچى بولۇشىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن- ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر