باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2017.05.08 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ماي، ئېلىمىز پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، ئەڭ يېڭى خەلقئارا ھاۋا قاتنىشى ئۆلچىمىگە ئاساسەن تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى C919 تىپلىق غول لىنىيە پۇقرالار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

  C919 تىپلىق ئايروپىلان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 570 زاكازغا ئېرىشتى. بۇ چوڭ ئايروپىلان ئېلىمىز ئايروپىلان ياساش كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتىدە مۇھىم تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

  C919 نىڭ تولۇق نامى «COMAC ،«COMAC 919 بولسا C919 ئايروپىلاننىڭ باش ئىشلەپچىقارغۇچىسى جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى، «C» ھەم «COMAC» نىڭ باش ھەرپى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىنگلىزچە نامى «CHINA»نىڭ باش ھەرپى بولۇپ، چوڭ تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ دۆلەت ئىرادىسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. بىرىنچى توققۇز «ئەبەدىي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئارقىدىكى 19 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 190 كىشىنىڭ ئولتۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  چوڭ ئايروپىلاندەك بۇنداق مۇرەككەپ مەھسۇلات ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئومۇمىي لايىھە ئىنتايىن مۇھىم. ئومۇمىي لايىھە بولمىسا، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى موتور، ئايروپىلان گەۋدىسى، ئۇچۇشنى كونترول قىلىش، تېلېكس قاتارلىقلارنى بىرىكتۈرۈپمۇ بىر ئۇچالايدىغان ئايروپىلان ياسىغىلى بولمايدۇ. C919نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋۇ گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: C919 ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا لايىھەلىگەن غول لىنىيە ئايروپىلانى، ئايروپىلاننىڭ ئومۇمىي لايىھەسىدىن ئېيتقاندا پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر