باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>一带一路

دۆلىتىمىز «بىر بەلباغ بىر يول»دىكى 24 دۆلەت بىلەن دىپلومنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىدۇ

2017.05.08 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز «بىر بەلباغ بىر يول»دىكى 24 دۆلەت بىلەن ئوقۇش تارىخى، ئۇنۋانىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.«<بىر بەلباغ بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇپ مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى «بىر بەلباغ بىر يول»دىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇردى. سىياسەتكە ئالاقىدار ئالاقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، دۆلىتىمىز 46 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئوقۇش تارىخى، ئۇنۋاننى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى 24 دۆلەت بار.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى دۆلەتلەر بىلەن تىل ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلقئارا مەھكىمىسى بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرىستېتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بۇ مەكتەپنىڭ 2018- يىلى تەسىس قىلىدىغان چەت ئەل تىلى كەسپىنى 94 خىلغا يەتكۈزۈپ، چەت ئەل تىلى كەسپى تەسىس قىلىنىش جەھەتتە پۈتۈنلەي قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەدەت بېرىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر