باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز جەلپ قىلغان چەتئەل مەبلىغى ۋە چەتئەلگە سالغان مەبلىغى ئومۇمىي جەھەتتىن ساغلام بولدى

2017.03.13 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن مېدىيا مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال زالىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن، مۇئاۋىن باشلىقى يى گاڭ، مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پەن گۇڭشېڭ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن يىفېينى «پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى»غا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە جۇڭگولۇق، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  جۇ شياۋچۈەن نەق مەيداندىكى مۇخبىرلارنىڭ چېگرا ھالقىپ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تاشقى سېلىنمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن گۈللىنىۋاتقان شەيئى، كارخانىلارنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنىشىنى قوللاش-ئېكسپورتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەتقىقات ۋە ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈشكە پايدىلىق. بىراق جۇ شياۋچۈەن يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىشتىكى قىسمەن زىيادە قىزغىن كەيپىيات بىلەن ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش كەسىپ سىياسىتى ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، مەسىلەن: بىر قىسىم تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش، كۇلۇب تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ جۇڭگوغا بەك چوڭ پايدىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەللەردە يەنە بىر قىسىم ئاغرىنىشنىمۇ پەيدا قىلدى.

  جۇ شياۋچۈەن مەبلەغ سېلىش ھەققىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش سىياسىتى ھەم چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش سىياسىتى داۋاملىشىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو يەنە ئەركىن سودا رايونى سىنىقىنى كېڭەيتىدۇ. جۇ شياۋچۈەن روھىي ھالەت جەھەتتە بۇرۇنقى قاراشلارغا بەك ئېسىلىۋالماسلىقنى تەكىتلەپ، مەبلەغ سالماقچى بولسىلا قارشى ئېلىش، مەبلەغ چىقىپ كېتىدىغان ئىش بولسا چەكلىمە قويۇشمۇ توغرا ئەمەس دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر