باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياۋمىڭ: تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئالتۇن مېدال ئېلىشلا ئەمەس

2017.03.13 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ياۋمىڭ تۈنۈگۈن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: تەنتەربىيە-خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك بولساق، جۇڭگومۇ كۈچلۈك بولىدۇ. تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنىڭ مەزمۇنى ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئالتۇن مېدالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاممىۋى تەنتەربىيە، تەنتەربىيە كەسپى، تەنتەربىيە مەدەنىيىتىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياۋمىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىرىنچىدىن، بازار يېتىشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىدىكى بەدەن ئىقتىدارىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ماھارەتكە سەل قارايدىغان ئەھۋالى ئۆزگەرتىلىپ، قىزىقىش يېتىشتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، ئاساسىي ئىقتىدار بىلەن مەخسۇس ماھارەتنى كۈچەيتىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلسە. ئىككىنچىدىن، مۇسابىقە زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. تەنتەربىيە، مائارىپ تارماقلىرى تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇسابىقىلەرنى ئاكتىپ ئۇيۇشتۇرسا؛ جەمئىيەتتىكى كۈچلەر، تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلسە. ئۈچىنچىدىن، پايدىلىق ئورۇندا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە-بايلىق يۈكسەك مەركەزلەشكەن تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ئەۋزەل ئورنى. دۆلەت كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تۈرلەردە كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە تەسىس قىلىنسا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر