باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل، ئەزالار قاتتىق تېجەشلىك بولۇش تەكلىپىنى بەردى

2017.03.13 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېيىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن مەركىزىنىڭ تاللا تاماقخانىسىدا، تاماق ئېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋەكىل ما رۈيۋېن ئىككى يىغىندا تاللا تاماق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى قاتتىق تېجەشلىك بولغانلىق، ھەركىم تاماقنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېسە ياخشى بولىدۇ دېدى.

  نىڭشيا تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئەزا سۈن تاۋ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يەردىكى مۇھىم ھالقا-قاتتىق تېجەشلىك بولىدىغان مۇھىت شەكىللەندۈرۈش. مەكتىپىمىز تاماقنى تۈگىتىپ يېيىش ھەرىكىتىنى خېلى ياخشى يولغا قويدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى باھالاش ۋە ئۇنىڭغا تاللاشتا، ئىقتىسادچان، تېجەشلىك بولۇش ھەم تاماقنى تۈگىتىپ يېيىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشمۇ باھالاش ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى قىلىندى.

  تيەنجىن مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، ئەزا خۇ شىنيى مۇنداق دېدى: ئىقتىسادچان، تېجەشلىك بولۇش-جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىل ئەخلاقى، بايلىقنى قەدىرلەش ۋە ئاسراش-بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ تۈپ ئېڭى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، تاماقنى مۇۋاپىق يېيىش، ئىسراپ قىلماسلىق-پۈتۈن جەمئىيەتتە تېزدىن شەكىللەنگەن تۈپ ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىشى كېرەك.

  جياڭسۇ چاڭجياڭ كەسپىي ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، ئەزا ليۇ جىبياۋ تاماقنى تۈگىتىپ يېيىش ھەرىكىتىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ھەققىدە مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالدى بىلەن رەھبىرى كادىرلار، مەمۇرلار، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باشلامچى بولسا، ئىككىنچىدىن، بالىلاردىن تارتىپ چىڭ تۇتساق، ئۈچىنچىدىن، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىق قىلمىشىغا جەرىمانە قويۇش ھەققىدە ئاشخانىلارغا ھوقۇق بەرسە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر