باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىل قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدۇ

2017.03.13 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار، ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شېڭمىڭ 10-مارت مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنى قانۇن ئىجراسى جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى باشلاپ بولۇش ئاساسىدا، بۇ يىل مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. مەكتەپ زوراۋانلىقى-تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولىدۇ.

  مەكتەپ زوراۋانلىقى دېگەن نېمە؟ مەكتەپ زوراۋانلىقى بىلەن ئوينىشىش، چاقچاقلىشىشنىڭ پەرقىنى قانداق ئايرىش كېرەك؟ نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە مەكتەپ زوراۋانلىقى قىلمىشىنىڭ دائىرىسى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر ئۆلچەم يوق. ۋاڭ شېڭمىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن نېمىنىڭ مەكتەپ زوراۋانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ يېتىپ، مەكتەپ زوراۋانلىقى بىلەن زوراۋانلىققا ياتمايدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ چېگراسىنى ئىمكانقەدەر ئايرىش؛ مەكتەپ زوراۋانلىقىنىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋاللىرى، خەتىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن، قاراتمىلىق تەربىيە بېرىش، تەنبىھ بېرىش تەدبىرلىرى، ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش شۇنداقلا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر