باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مىنىستىرلار كارىدورى» دىكى سۆھبەت (ئىككى يىغىندىن بايان)

2017.03.04 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ، 3-مارت چۈشتىن كېيىنكى خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالى «مىنىستىرلار كارىدورى» دىكى كۆرۈنۈش. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن ئاشقاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ، دۆلەت مەدەنىيەت يادىركارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈجۇ، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چيۇ يۈەنپىڭ، دۆلەت جۇڭگو تېببىي دورىگەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوچياڭ، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇڭ شەن، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فېڭ جېلىن قاتارلىق ئالتە مىنىستىر كەينى-كەينىدىن زىيارەت سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، «جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال» لارغا ئىنكاس قايتۇردى.

  ھەرقايسى مىىنستىر، كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىن مەيدانىغا كىرىشتە ئۆتىدىغان، بۇرۇن مۇخبىرلار ئورىۋالغاندا ئۇچرىشىپ قالىدىغان بۇ كارىدور، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزئارا بىلىشىدىغان «مۇقىم ئۇچرىشىدىغان جاي» غا ئايلاندى.

  ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاش ئارقىلىق مىىنستىرلارغا سۆز قالدۇرغىلى ۋە سوئال سورىغىلى بولىدۇ

  3-مارت، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ سوئاللارغا ئالدىدا جاۋاب بەردى. چېن باۋشېڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، مائارىپ توغرىسىدىكى مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە «مائارىپ بايلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش»، «ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولمىغانلىقتىن، پۇقرالارنىڭ مەكتەپ رايونى تەۋەلىكىدىكى ئۆيلەردىن رازى ئەمەسلىكى» توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، تۆۋەندە ئولتۇرغان مۇخبىرلارنىڭ قەلەملىرى تېز تەۋرەيتتى.

  ئارقىدىن ليۇ يۈجۇ «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانداق جانلاندۇرۇش» مەسىلىسىگە، چيۇ يۈەنپىڭ مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىگە، ۋاڭ گوچياڭ جۇڭگو تېببىي دورىگەرلىك بويىچە ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش مەسىلىسىگە، جۇڭ شەن «يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن قانداق پىلانى بارلىقى» توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. فېڭ جېڭلىن سىرتتا 25 مىنۇت ساقلاپ تۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كىرىپ «ئايروپىلان كېچىكىش» مەسىلىسىگە ناھايىتى سەمىمىي جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ دەل ۋاقتىدا ئۇچۇش مەسىلىسىدىن بۇرۇن رازى بولمايتتىم، ھازىرمۇ رازى ئەمەسمەن.

  مەسىلىلەر يوشۇرماي ئاشكارا ئېيتىلدى، نەتىجىلەر ئېنىق سۆزلەندى. زىيارەت بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى، مەيداندىكى مۇخبىرلارنىڭ سورايدىغانلىرى تۈگىمىگەندەك قىلاتتى. رىياسەتچى مۇخبىرلارغا ئۈندىدار جامائەت نومۇرى ئارقىلىق مىنىستىرلارغا سۆز قىلدۇرۇپ سوئال سورىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئەسلىدە بۇ يىلدىكىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندىكى ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، «مىنىستىرلار كارىدورى» غا مەخسۇس ئۈندىدار جامائەت نومۇرى تەسىس قىلىندى. نەق مەيدان كۆرسەتكۈچ تاختىسىدىكى ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاپ كۆرگىلى ۋە سۆز قالدۇرغىلى بولىدۇ.

  مىنىستىرلار كۆپرەك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە تاللاپ جاۋاب بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر