باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل يەتتە جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاشقا كۈچ چىقىرىلىدۇ

2017.02.27 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بۇلتۇر جۇڭگو سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشى سەل مۇقىملاشقان ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ يىل دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىنى ياخشىلاشنى ئاساسلىق تېرىشىش يۆنىلىشى قىلىپ، سېلىنما ساھەسىدىكى مۇھىم ئىسلاھات، مۇھىم سىياسەت ۋە مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى بىر تۇتاش يولغا قويۇپ، تۈرلۈك سېلىنما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ساھەلەر ۋە مۇھىم ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسى ھەل قىلىشنى جىددىي كۈتۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن تۇتۇش قىلىپ، ھەم قاتتىق يېتەرسىزلىكلەر ھەم يۇمشاق يېتەرسىزلىكلەرنى، ھەم تەرەققىياتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ھەم تۈزۈمدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئۈنۈملۈك تەمىناتنى كۆپەيتىشكە كۈچ چىقىرىمىز. 1-مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. 2-يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش سالمىقىنى زورايتىپ، 165 مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرىمىز. 3-مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغنى باشقۇرۇشنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرىمىز. 4-ئەل ئىچىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغىتىمىز. 5-ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. 6-تور سۇپىسىنىڭ سېلىنما ساھەسىدىكى قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. 7-سېلىنما ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سېلىنما تۈر زاپىسىنى كۈچەيتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر