باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سانىدا سۈپەتكە بويسۇنۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

2017.02.27 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇنەن ئۆلكىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساندىن سۈپەتكە بۇرۇلۇش ياساپ، ئەڭ قاتتىق باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن ساختا قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا سانغا ئېسىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خۇنەن ئۆلكىسىدە يەنە 3مىليون 310مىڭ نامرات نوپۇس قالدى. ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى خۇنەن ئۆلكىسى 700نەچچە كىشىلىك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باھالاش گۇرۇپپىسى ۋە 300 نەچچە كىشىلىك ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش قوشۇنى قۇرۇپ، 2016-يىلى خۇنەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرسىتىلگەن نامراتلىقتىن ئالدىن قۇتقۇزۇلغان نامرات نوپۇس ۋە نامراتلىقتىن چېكىنىدىغان نامرات كەنتلەرنى شۇ جايدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالدى، ئەڭ ئاخىرى ئۆلكە بويىچە 1053 نامرات كەنت چېكىنىش ئۆلچىمىگە توشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دائىرىسىدىن چىقىرىلدى، خۇنەن ئۆلكىلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامرات كەنتلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىككىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىككىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ قاتتىق تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلغاندىن باشقا يەنە بىز خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ پىرىنسىپ تەلىپىنى تەپسىلىيلەشتۈردۇق، ئىككىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ــ ئۇل ئەسلىھەنى، ئاممىۋىي مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بولۇپ، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ئۇنى 8 كۆرسەتكۈچكە ئايرىپ، 100 نومۇر ھېسابلاپ، 80 نومۇردىن يۇقىرىغا ئېرىشكەنلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى دەپ بېكىتىپ، ئۇنى مىقدارلاشتۇردۇق، كونكېرتلاشتۇردۇق.ئۇنىڭدىن باشقا كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك كىرىمى 40مىڭ يۈەندىن ئاشمىغانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلار قاتارىغا كىرگۈزمەي، يەنە بىر قاتتىق كۆرسەتكۈچنى كۆپەيتىپ، باشقا جەھەتتىكى پىرىنسىپ، تەلەپلەرنى تەپسىلىيلەشتۈردۇق، مىقدارلاشتۇردۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر