باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىپ، 7000 ئادەم ( قېتىم) ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ساڭۋۇ ناھىيەسىدە 5.4 بال يەر تەۋرىدى، ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلمىدى

2016.08.03 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ساڭۋۇ ناھىيەسىدە 5.4 بال يەر تەۋرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر تۈرلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ناھايىتى تەرتىپلىك قانات يايماقتا. جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، خۇبېي، سەنشى، جېجاڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، رايوندىكى يەر تەۋرەش گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن 100 نەچچە كىشىلىك قوشۇن، ئارقا-ئارقىدىن شاتو بازىرى چەنتيەن كەنتتىكى تەۋرەش مەركىزى نەق مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ، ئاپەت نەق مەيدانىدىكى قوماندانلىق ئىشتابى ھەر تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى باھالاش، ئىلمىي تەكشۈرۈش، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  1- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8گىچە، يەر تەۋرەش تارماقلىرى جەمئىي 10 قېتىم قالدۇرۇق يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلار، ئەڭ كۈچلۈك تەۋرەش دەرىجىسى 1.2 بال بولىدۇ، دېدى. دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، ساڭۋۇ ناھىيەسىدە يەتتە كەنت ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، جەمئىي 51 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 15 مىڭ 600 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، جەمئىي 860 ئاممىنى يۆتكىگەن. يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 24 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. نۆۋەتتە ھازىرغىچە ئۆلۈش، يارىلىنىش كۆرۈلمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر