خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى 1- ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي باشلاندى. يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ياشقا توشقان ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر كەڭ ياشلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملىتىشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئۇلار تەشۋىقات ئاپتوموبىلى، تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىنى ئېسىش، شوئار چاپلاش، ئەسكەر ئېلىش تەشۋىقات قوللانمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە، قىرغىزچە، خەنزۇچە نۇسخىسىنى تارقىتىش، QQ، ئۈندىداردا تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، مەركەزلىك ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە رەسمىي ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن مۇنەۋۋەر ئەسكەرلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئەسكەر بولغاندىن كېيىنكى ھېس قىلىشىنى سۆزلەش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىرىشتىكى نەپىقەت بېرىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەت ۋە قانۇن-نىزاملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، شان-شەرەپخانىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ياشقا توشقان كەڭ مۇنەۋۋەر ياشلارنى ئارمىيەگە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغاتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە : خەلق تورى