خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى بۈگۈن مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 31- ئىيۇلدىن 1- ئاۋغۇستقىچە، شىنجاڭدا كەڭ دائىرىلىك يامغۇر ياغقان بولۇپ، ئىلى، بورتالا، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى 12 سائەت ئىچىدە يامغۇر مىقدارى جەمئىي 54.8 مىللىمېتىرغا يەتكەن بولۇپ، چۇلۇقاي يېزىسىنىڭ ئورىلىقگو بۆلىكىدە 400 مېتىرغا يېقىن دەريا قېشىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن؛ ئاقسۇ باي ناھىيەسىدە يامغۇر مىقدارى 50 مىللىمېتىردىن ئاشقان بولۇپ، 33 مىڭ 367 مېتىر چوڭ توسما، 100 مېتىر قاراماي يول، 400 مېتىر تاش ئۆستەڭ، ئۈچ كۆۋرۈك، 2500 مېتىر ئۆستەڭ كەلكۈندە بۇزۇلۇپ كەتكەن.
2- ئاۋغۇست سائەت 9غىچە ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاقسۇ، بورتالا، ئىلى قاتارلىق تۆت ۋىلايەت (ئوبلاست) يەتتە ناھىيەدە 11 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئىككى ئادەم قازا قىلغان، بىر ئادەم يوقاپ كەتكەن، 300دىن ئارتۇق ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ 2100دىن ئارتۇق ئۆي ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئۆرۈلۈپ كەتكەن؛ 500 گېكتار زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 100 گېكتاردىن ئارتۇق يەردىن ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن؛ بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 920 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە : خەلق تورى