- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خېفېي شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ چىڭجۈن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلماقتا
2016.08.02 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، خېفېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جاڭ چىڭجۈن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلماقتا.
ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 52 ياشلىق جاڭ چىڭجۈن 1985- يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پىلان كومىتېتى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بەنگوڭتىڭى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1998- يىلى توڭلىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 2004- يىلى 8- ئايدا توڭلىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 2007- يىلى 4- ئايدا جاڭ چىڭجۈن ئەنخۇي ئۆلكىلىك دۆلەت-زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، 2012- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ ج. ك. پ. خېفېي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر