باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يۇقىرى تېمپېراتۇرالىق ھاۋا رايى ئاستىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىرىنچى سەپتىكى خەلق ساقچىلىرىغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى تارقىتىشنى تەلەپ قىلدى

2016.08.02 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج. خ. مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ساقچى كۈچىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارقا سەپ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى ئاستىدا خەلق ساقچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  قاتناش باشقۇرۇش خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن يازلىق تەتىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خىزمەتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ساقچى كۈچىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا كونترول قىلىپ، جانلىق ئىش تۈزۈمى ۋە نۆۋەت بىلەن ئىشلەش تۈزۈمى قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مۇۋاپىق ھالدا خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. قېرىپ ئاجىزلاپ كەتكەن خەلق ساقچىلىرىغا پائال غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. دەم ئېلىش تۈزۈمىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ۋاقتىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىگەن ساقچىلارغا تولۇقلاپ دەم ئېلىشنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ مۇۋاپىق دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جىسمانىي كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج. خ. مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى، جايلاردىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ياز پەسىلدە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىنى تەشكىللەپ، ناچار ھاۋا رايى شارائىتىدا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مۇداپىئە ماھارىتىنى پىششىق مەشىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تومۇز ئىسسىقتا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ئۈچۈن ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى، دورا قاتارلىقلارنى تارقىتىپ بېرىپ، ئامال بار ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن مۇداپىئەلىنىش، يامغۇردىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر