باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جىددىي باياناتى: قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا سودا ئېلانى قىستۇرۇلمايدۇ

2016.08.02 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىمىزدىكى بىر مەزگىل دەل ئالىي مەكتەپلەرگە "ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلى" بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى باشلىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ناچار سودا ئورگانلىرى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى نامى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا سودا تەشۋىقاتى خاراكتېرلىك ئېلان ئەۋەتىپ، يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، سودا مەنپەئەتى ئۈندۈرىۋېلىپ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنى ئازدۇرغان. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، خەيخې ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت بېلوگدا بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان كەڭ ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتتى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: مەزكۇر مەكتەپ ئەۋەتكەن رەسمىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1 . خەيخې ئۇنىۋېرسىتېتى ئىمزا قويۇپ تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدىن بىر پارچە؛ 2. «ئوقۇشقا كىرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»دىن بىر پارچە؛ 3. جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى تارقاتقان ئەجدىھا كارتىسىدىن بىر تال (ئوقۇش خىراجىتى تاپشۇرۇشقا ئىشلىتىلىنىدۇ)، جۇڭگو بانكا كارتىسى دېبېتلىق كارتىسىدىن بىر تال؛ 4. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ماددىي ياردەم بېرىش سىياسىتى ۋەرەقىسىدىن بىر نۇسخا. يۇقىرىقى ماتېرىياللاردىن سىرت، مەكتەپ يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا باشقا شەكىلدە ھېچقانداق ماتېرىيال ئەۋەتىپ بەرمەيدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىغا ئىمزا قويۇش ۋە بانكا كارتىسىنى ئىشلەش قاتارلىق ئىشلارغا 3-5 كۈن كېتىش تۈپەيلىدىن، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تەخمىنەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەش خىزمەت كۈنىدىن كېيىن ئەۋەتىلىنىدۇ، ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىنكى 7-10 كۈنگىچە ئارىلىقتا تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ. نۆۋەتتە، بۇ مەكتەپ 2016-يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ھەممىسىنى ئەۋەتىپ بولدى، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر