- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قەشقەردىن باۋجىغا قاتنايدىغان K1662/1 قېتىملىق پويىز يولغا چىقتى
قەشقەردىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىز يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى
2016.08.02 14:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31- ئىيۇل چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەردىن باۋجىغا قاتنايدىغان K1662 قېتىملىق تۇنجى يولۇچىلار پويىزى قەشقەر ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باۋجى شەھىرىگە قاراپ ماڭدى، بۇنىڭ بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىز يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، K1662/1 قېتىملىق پويىز ئەسلىدە ئاقسۇ - باۋجى بۆلىكىدە قاتنايدىغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى K1662/1قېتىملىق پويىزنىڭ قاتناش بۆلىكىنى قەشقەرگىچە ئۇزارتىپ، كۈندە قاتنايدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. بۇ پويىزدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئامما شىنجاڭدىن گەنسۇ، چىڭخەي، شەنشى قاتارلىق جايلارغا بېرىشتا، ئاقسۇ، ﻛﻮﺭلا، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىدىن ئالمىشىپ مېڭىشى ھاجەتسىز، مەنزىلگە بىۋاسىتە يېتىپ بارالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر