باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇدرەتلىك قوشۇننىڭ مەردانە قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشى

__ ئۇزۇن سەپەر غەلبىسىنىڭ 80 يىللىقى ۋە ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 89 يىللىقىغا تەقدىم

2016.08.02 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: ئۇزۇن سەپەر ئارقىلىق شەنشىنىڭ شىمالىغا يېتىپ كەلگەن قىزىل ئامىيە قىسمى (ماتېرىيال سۈرەت).

  نەچچە قېتىملىق مۈشكۈلات ۋە توسقۇنلۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن؛ نەچچە قېتىملاپ ھالاكەت گىردابىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان.

  80 يىل بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلغان ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى تەڭداشسىز قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن تۈمەن چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ شانلىق غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جاسارىتى بىلەن ئۇلۇغۋار داستاننى يېزىپ چىقتى.

  ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، جاپا-مۇشەققەتتىن شانلىق غەلبىگە ئىلگىرىلەش __ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۆچمەس روھىي ئابىدە بولغان ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن خاراكتېرى ۋە قىزىل گېنىدۇر.

  «تارىخ، دائىم ئۇزۇن مەزگىللىك يىغىلىشتىن كېيىن، تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ.»

  بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاۋاتقان ۋە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بىر ھالقىلىق ۋاقىتتا تۇرماقتا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىزباسارى بولغان جۇڭگو ئارمىيەسى ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىپ كۈچلەندۈرۈشتىكى يېڭى مۇساپىنى بويلاپ، دادىل قەدەم تاشلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

  ئۇزۇن سەپەر ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان روھىي كۈچ پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيە كۈچەيتىش نىشانىغا قارىتا، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلبىلىك جەڭ قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى بولغان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشتا مەڭگۈلۈك يېتەكچى بولالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر