باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سەككىزىنچى ئايدا تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر

2016.08.02 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ ئايدا، پەقەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىلا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولۇپ قالماستىن، ھەقلىق ئىزدەش ئۇچۇرىغا روشەن بەلگە قويۇش، يانفون ئەپلىرىگە ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇشنى يولغا قويۇش، خەتەرلىك تاشلاندۇق بويۇملار تىزىملىكىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن 100 خىلدىن ئارتۇق خەتەرلىك بويۇمنى كىرگۈزۈش. . . قاتارلىق زور بىر تۈركۈم يولغا قويۇلۇشقا باشلانغان يېڭى بەلگىلىمىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلار پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ھەقلىق ئىزدەش ئۇچۇرىغا بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم روشەن بەلگە قويۇلىدۇ

  1- ئاۋغۇستتىن باشلاپ، «ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىزدەش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئۇچۇر ئىزدەش جەريانىدىكى ئېلاننى پەرق ئېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئوبيېكتىپ، ئادىل، نوپۇزلۇق ئىزدەش نەتىجىسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، دۆلەت مەنپەئەتى، جامائەت مەنپەئەتى، شۇنىڭدەك پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتىگە زىيان سالسا بولمايدۇ. ھەقلىق ئۇچۇر ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە، خېرىدارنىڭ ئالاقىدار سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش، ھەقلىق ئىزدەش ئۇچۇرى بەت نىسبىتىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەبىئىي ئۇچۇر ئىزدەش نەتىجىسى ۋە ھەقلىق ئۇچۇر ئىزدەش نەتىجىسىنى ئېنىق ئايرىپ كۆرسىتىش، ھەقلىق ئىزدەش ئۇچۇرىغا روشەن بەلگە قويۇش لازىم.

  نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك بولغان قانۇنسىز تور ئالاقىسى مەسىلىسىگە قارىتا، «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئېنىق بېكىتىلدى: ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر شۇنداقلا بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئالاقىدار ئۇلىنىشنى ئۈزۈۋېتىش ياكى ساختا ئىزدەش نەتىجىسى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە بولمايدۇ، سودا ئېلانلىرى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا رىئايە قىلىش كېرەك.

  يانفون ئەپلىرى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ

  شەخسىي ئۇچۇرنى ئوغرىلاش، يامان غەرەزدە ھەق تۇتۇپ قېلىش، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ، زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىش . . . 1- ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان«كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي پروگرامما ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە مۇنۇلار ئېنىق بېكىتىلدى: كۆچمە ئالاقە تورىنى قوللىنىشچان پروگرامما بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزۈش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش قاتارلىق قانۇن-نىزامدا چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۆچمە ئالاقە تورىنى قوللىنىشچان پروگرامما بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر « ئارقا سۇپىدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئالدى سۇپىدا ئىختىيار قىلىش» پرىنسىپى بويىچە، تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەمدە ئۇچۇر مەزمۇنىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇر مەزمۇننى ئېلان قىلغانلارغا قارىتا، ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش، ئىقتىدارىنى چەكلەش، يېڭىلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىش، ھېسابات نومۇرىنى تاقاش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىش؛ شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش، ئىشلىتىشنىڭ قانۇنلۇق، ھەققانىي، زۆرۈر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ئۇچۇر توپلاش، ئىشلىتىش مەقسىتى، ئۇسۇلى ۋە دائىرىسى ئاشكارا بولۇش، ھەمدە ئابۇنىچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قوللىنىشچان پروگراممىلارنى ياساش، ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر