باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىڭىزنى 7 - ئاۋغۇست ئۇقالايسىز

2016.08.03 14:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتى ئىشخانىسى 2 - ئاۋغۇست ئاتا - ئانىلار ۋەكىللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا كۆرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئۈرۈمچى، سانجى ئوبلاستىدىن كەلگەن ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

  پائالىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل خادىم ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ شەرتلىرى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ جەريانىنى تونۇشتۇردى، ئاندىن ئاتا - ئانىلار ۋەكىلى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىنى كۆردى. ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى مۇنىرە تىلىۋالدى مۇنداق دېدى: مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەرىپىنى كۆپ ئاڭلىغاچقا، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىدا 566 نومۇر ئاپتىمەن، بۇ نەتىجەم بىلەن ئۆز يۇرتۇمدىكى خالىغان ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيالايتتىم، لېكىن ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش، ياتاق - تاماق شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىنى، ئوقۇش جەريانىدىكى ئېتىبار سىياسەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىچكىرىدە ئوقۇشنى تاللىدىم، ئاتا - ئاناممۇ تاللىشىمغا قوشۇلدى. بۈگۈن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل، نازارەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، خاتىرجەم بولدۇم.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا پىلان بويىچە 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6 - ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن، 7 - ئاۋغۇست قوبۇل قىلىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر