باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى قانداق قىلغاندا «لاياقەتلىك بولۇش»تىن «ئىلغار بولۇش»قا ئايلىنالايدۇ؟

2016.08.02 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاقتىدا بولماسلىق، توغرا بولماسلىق، جاۋاب بولماسلىق، ئىشلەتكىلى بولماسلىق... ئۇزۇندىن بېرى، قىسمەن ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ يۈرۈشۈش جەريانىدا، يۇقارقىدەك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى. ئالدىنقى كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭى 2016- يىلى ئىككىنچى پەسىلدە مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىگە قارىتا تاللاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %85 بولۇپ، بىرىنچى پەسىلدىكىدىن %3.5 ئاشقان.

  ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى مۇھىم بولغان ئۇچۇر ئاشكارىلاش سۇپىسى، خەلققە قولايلىق يارىتىش سۇپىسى، سىياسەتنى ئېلان قىلىپ، يېشىپ چۈشەندۈرىدىغان ۋە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەيدىغان سۇپا. نۆۋەتتە، ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، «ئېنتېرنېت پىلۇس» ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان شارائىتتا، قانداق قىلىپ «لاياقەتلىك بولۇش»تىن «ئىلغار بولۇش»قا ئايلاندۇرۇش ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى قۇرۇلۇش-تەرەققىياتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.

  ھازىرقى ئەھۋال: مەزمۇن كاپالەت سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆستى، قىسمەن تور بېكەتلەردە يەنىلا «مۇردا بولۇش»، «ئۇخلاپ قېلىش» ھادىسىلىرى ساقلانماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭى 746 ھۆكۈمەت تور بېكىتىنى تاللاپ تەكشۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە گوۋۇيۈەن تارماقلىرى (ئىچكى قىسىمدا تەسىس قىلىنغان، تىك باشقۇرىدىغان ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %98.5 بولغان، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 بولغان، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %90كە يەتكەن.

  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، كۆپ قىسىم ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ مەزمۇن كاپالەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئەھۋالدا، بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر بولغان «مۇردا بولۇش»، «ئۇخلاپ قېلىش» قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان، 112 لاياقەتسىز تور بېكەت ئىچىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت تورلىرى 110غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق مەسىلە بار تور بېكەتلەر ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلارنىڭ تور بېكەتلىرى بولۇپ، باش بەت ئۇزۇنغىچە يېڭىلانماسلىق، سەھىپىلەر ئۇزۇنغىچە يېڭىلانماسلىق، ھەتتا قۇرۇق، قالدۇرۇلغان خەتلەرگە ئۇزۇنغىچە جاۋاب قايتۇرۇلماسلىق، تور بېكەتنى ئۇزۇن مۇددەت زىيارەت قىلغىلى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان.

  چارە: 23 مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت تور بېكىتى تاقىلىپ يۇقىرىغا يۆتكەلدى

  دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلىدۇ

  2006- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، مەركىزىي ھۆكۈمەت تور بېكىتى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، بۇ، مەركىزىي ھۆكۈمەت تور بېكىتى، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە تارماقلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە، مەخپىيەتلىك، بىخەتەرلىك قاتارلىق تارماقلاردىن باشقا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئاساسەن تور بېكەت قۇرۇپ بولدى.

  مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە تەسىر كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بىرىنچى قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى، ئۇچۇرلىرىنىڭ يېڭىلىنىش ئەھۋالى، ھەمتۈرتكىلىك جاۋاب قايتۇرۇش ئەھۋالى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى قاتارلىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 7- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە يۈرۈشتۈرۈلىۋاتقان ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 60374 بولغان، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تاللاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، 23 مىڭدىن كۆپرەك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى كاپالىتى كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك تاقىلىپ، يۇقىرىغا يۆتكەلدى، مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تور بېكەت سۇپىلىرىغا يۆتكىلىپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇلدى.

  تاقىۋېتىشنى باھانە قىلىپ تەكشۈرۈشتىن قاچىدىغان ئەھۋاللارنىڭ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مۇناسىۋەتلىك تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھۆكۈمەت تورلىرىنى ئېتىۋېتىش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىگە قارىتا، قاتتىق چەكلەش ئېلىپ باردى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمېتى تور بېكەتلىرىنى ئېتىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر ئۆزگەرتىش ياكى دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش لازىم بولغاندا، تور بېكەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ؛ باشقا ھۆكۈمەت تورلىرىنى توختىتىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەر يىلى بىر قېتىمدىن ئاشماسلىقى كېرەك، ئېتىۋېتىش ۋاقتى 60 كۈندىن ئاشماسلىقى كېرەك؛ مەڭگۈلۈك تاقىلىدىغان تور بېكەتلەر مەزمۇننى كۆچۈرۈش ۋە ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  يۈزلىنىش: ھۆكۈمەت تورلىرىنىڭ دەرىجىسىنى «ئېنتىرنېت تورى + مەمۇرىي مۇلازىمەت» تور بېكەتلىرىگە كۆتۈرۈش زۆرۈر

  دۆلەت مەمۇرىي ئىنىستىتۇتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوتسېنتى جەي يۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئېنتىرنېت تورى + مەمۇرىي مۇلازىمەت» تېز ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان شارائىتتا، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى تاللاپ تەكشۈرۈش «لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى»دە توختاپ قالسا بولمايدۇ، يەنە «ئىلغار بولۇش نىسبىتى»نى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە كۈچ سەرپ قىلىش لازىم. جەي يۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭلىرى (ئىشخانىلىرى)نىڭ باشقۇرۇش تارمىقى بولۇشتىكى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى رەتلەپ چىقىپ، تارماق ھالقىغان، دەرىجە ھالقىغان ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ماسلىشىپ بىللە قۇرۇش ۋە ئومۇمىي گەۋدە بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات مەخسۇس تۈرلۈك پىلانىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىش؛ ئاممىنىڭ تېز سۈرئەتتە لازىملىق مۇلازىمەتنى توغرا تاپالىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلۈش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرى، زىيارەت قىلىش يولى قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر