باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا تۆت يىلدا مەستلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 11 مىڭ 820سى سوت ئېچىپ بىر تەرەپ قىلىندى

2016.08.03 14:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ئەكبەر ئىسمائىلنىڭ 28 - ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش تاكسى شىركىتىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى 2012 - يىلىدىن 2016 - يىلى 4 - ئايغىچە، مەستلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 11 مىڭ 820 نى سوت ئېچىپ بىر تەرەپ قىلغان.

  2011 - يىلى «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (8)»گە مەستلىكتە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش( تۆۋەندە مەستلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەش دەپ ئېلىندى) قىلمىشلىرىنى جازالاشقا ئالاقىدار مەزمۇن كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە بۇنداق قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقى زورايتىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت ئېچىپ بىر تەرەپ قىلغان مەستلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلولىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەستلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرى يىلسېرى كۆپەيگەن، 2012 - يىلى 1382، 2013 - يىلى 2025، 2014 - يىلى 3086، 2015 - يىلى 3975، 2016 - يىلى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە 1352 دېلو سوت ئېچىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛ جىنايەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئەرلەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار كۆپ سالماقنى ئىگىلگەن. 2015 - يىلى 1 - ئايدىن 2016 - يىلى 4 - ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت ئېچىپ بىر تەرەپ قىلغان 1410 دېلودىكى 1413 ئادەمنىڭ %95 نى ئەرلەر ئىكەن، ئوتتۇرا ياشلىقلار %90 نى ئىگىلەيدىكەن، ئىلى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، بورتالا ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت ئېچىپ بىر تەرەپ قىلغان 1426 دېلودىكى 1426 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئەرلەر ئىكەن؛ مەستلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلولىرىدا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (پىكاپ، دالا ئاپتوموبىلى) ۋە موتوسىكلىت ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى 2015 - يىلى 1 - ئايدىن 2016 - يىلى 4 - ئايغىچە سوت ئېچىپ بىر تەرەپ قىلغان دېلولارغا چېتىشلىق ئاپتوموبىللارنىڭ %90.6 ى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئىكەن. قىسمەن جايلاردا مەستلىكتە موتوسىكلىت ھەيدەش قىلمىشلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، دېلوغا چېتىشلىق موتوسىكلىتنىڭ نىسبىتى %85 كە يېتىدىكەن؛ مەستلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرى كۆپىنچە )شەھەر(، ناھىيە، يېزا يوللىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، كەچقۇرۇن بېسىق ۋاقىت، كەچلىك غىزادىن كېيىن ۋە ھېيت - بايراملاردا كۆپ كۆرۈلىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى 2015 - يىلى 1 - ئايدىن 2016 - يىلى 4 - ئايغىچە سوت ئېچىپ بىر تەرەپ قىلغان دېلولارنىڭ %80ى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن سەھەر سائەت 2 گىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن؛ جازا ئۆلچەشتە گەرچە كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى ئاساس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، قاتتىق جازالاش ئاساس بولغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى 2015 - يىلى 1 - ئايدىن 2016 - يىلى 4 - ئايغىچە سوت ئېچىپ بىر تەرەپ قىلغان 5327 دېلودىكى 5360 ئادەم ئىچىدە جازاسى كېچىكتۈرۈلگەنلەر، جازاسى كەچۈرۈم قىلىنغانلار ۋە باشقا بىرتەرەپ قىلىنغانلار ئومۇمىي ساننىڭ %19 ىنى ئىگىلەيدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر