باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خۇگجىلتۇ دېلوسى» مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فېڭ جىمىڭغا سوت ئېچىلدى

ئۇنىڭ 34 مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان مال-مۈلكى بار ئىكەن

2016.08.03 09:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى «خۇگجىلتۇ دېلوسى» مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فېڭ جىمىڭ پارا ئېلىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، 1- ئاۋغۇست خولۇنبىردا سوتلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى «ئىچكى موڭغۇل تەپتىشلىكى»دە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، 1- ئاۋغۇست، كۆكخوت شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فېڭ جىمىڭنىڭ پارا ئېلىش ۋە خىيانەتچىلىك جىنايىتى، قانۇنسىز قورال، ئوق-دورا ساقلاش جىنايىتى، كۆپ مىقداردىكى مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق جىنايەتلىرىگە خولۇنبىر شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئاشكارا سوت ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، فېڭ جىمىڭ «خۇگجىلتۇ دېلوسى» مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغانلىقتىن، بۇ دېلونىڭ سوت قىلىنىشى زور دىققەتنى قوزغىغان، دېلو تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىلماقتا.

  1996-يىلى، كۆكخوت شەھىرىدە «9- ئاپرېل» ئايال جەسەت دېلوسى، يەنى خۇگجىلتۇ ناھەق دېلوسى يۈز بەرگەندە، فېڭ جىمىڭ كۆكخوت شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسى شىنچېڭ رايونلۇق شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قايتا قاراپ چىقىپ، خۇگجىلتۇنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقاردى، ئىككى كۈندىن كېيىن، كۆكخوت شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان فېڭ جىمىڭ خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر