باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزىلارنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جانلىق ئايلاندۇرۇش كېرەك

2016.08.03 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مېيشەن شەھىرى دۇڭپو رايونى دادىڭچياۋ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق خې شياۋيىڭ كۆپ يىل سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىدى. لېكىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەھەل ئىگىلىك تىكلەش تۈرى تاپالمىدى، «نەچچە مو يەرگە تايىنىپ بېيىش قىيىن؛ ناھىيە-شەھەرگە بېرىپ سودا قىلىشقا يە يولى يوق.»

  «دېھقانلار يەنىلا يەر تېرىشقا ئەڭ ئۇستا.» يەرلىكتە تېرىغان بۆلجۈرگەننىڭ شىرنىسى كۆپ، ئېتى يۇمشاق بولۇپ، چېڭدۇ قاتارلىق ئەتراپتىكى چوڭ شەھەرلەردە بازىرى ئىتتىك. خې شياۋيىڭ بۇ سودا پۇرسىتىنى كۆزلەپ، يېزىلاردىكى ئىختىساسلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، نەچچە يۈز مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، بۆلجۈرگەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كىرىمى نەچچە ھەسسە ئاشتى.

  خې شياۋيىڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جانلىق ئايلاندۇرۇشتىن بولدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن 5-ئومۇمىي يىغىنىغىچە، يېزىلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتى مۇقىملىشىپ، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەقسىملەش چارىسى مۇكەممەللىشىپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئايلاندۇرۇش قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، تۈزۈم رامكىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.

  يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جانلىق ئايلاندۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يەر ھۆددىگە ئالغان 230 مىليون دېھقان ئائىلىلىك ئىچىدە 66 مىليون ئائىلىلىك يېرىنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئوبوروت قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئائىلە بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئوبوروت قىلىنىش كۆلىمى 443 مىليون موغا يېتىپ، %33.3نى ئىگىلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر