باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئىتتىرىش كۈچى ئەڭ زور قاتتىق پىروپېللانتلىق راكېتا ماتورىنى سىناق قىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

راكېتانىڭ «يۈرىكى»نى تېخىمۇ كۈچەيتەيلى

2016.08.03 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان دىئامېتىرى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان، ئىككى بۆلەكلىك خەلق ئالەم قاتنىشىنىڭ چوڭ تىپتىكى قاتتىق پىروپېللانتلىق راكېتا ياردەمچى ماتورىنى يەر يۈزىدە ئىسسىقلىق سىناش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ ئېلىمىزدە ھازىرغا قەدەر دىئامېتىرى، دورا قاچىلاش مىقدارى، ئىتتىرىش كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان قاتتىق پىروپېللانتلىق راكېتا موتورى ھېسابلىنىدۇ. سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، ئېلىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى قاتتىق پىروپېللانتلىق راكېتا ياردەمچى ماتورىنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىم سىناق قىلىنغان ماتورنىڭ ئىتتىرىش كۈچى 150 توننىدىن ئارتۇق، خىزمەت ۋاقتى 100 سېكۇنت بولۇپ، بارلىق خام ئەشيا، ياساش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېلىمىزدە ئىشلىنىپ، نۇرغۇن مۇھىم، ھالقىلىق تېخنىكا ۋە تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ قاتتىق پىروپېللانتلىق ماتور ياساش رېكورتىنى توختىماي يېڭىلاپ، ئالەم قاتنىشىغا ئىشلىتىدىغان قاتتىق پىروپېللانتلىق راكېتانىڭ «يۈرىكى»نى تېخىمۇ كۈچەيتتى. سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر تەتقىقات ئورنى بىرىكمە ماتېرىيال، پىروپېللانت قاتارلىق تەننەرخى يۇقىرى ماتېرىياللاردىن نۇقتىلىق قول سېلىپ، لايىھەلەش جەھەتتە تۆۋەن تەننەرخلىق لايىھەلەش ئۇسۇلى، لايىھەلەش ئوي-پىكرىنى قوللىنىپ، مەشغۇلاتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، قاتتىق پىروپېللانتلىق ماتورنى بىخەتەر، ئىشەنچلىك قىلىپ قالماستىن يەنە سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك، چىداملىق قىلىدىكەن.

  كەلگۈسىدە دىئامېتىرى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان قاتتىق پىروپېللانتلىق ماتور ئېغىر تىپلىق توشۇغۇچى راكېتاغا ئىشلىتىلىپ، يەرگە يېقىن ئوربېتىدا توشۇش ئىقتىدارىنى 100 توننىدىن ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن ئايغا چىقىش، ئالەم بوشلۇقىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ تەكشۈرۈش تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر