باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 56 ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئايرودورومى قۇرۇشنى پىلانلىدى

2016.08.03 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش رەسمىي باشلاندى. 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانى» ھاۋالە قىلىنغان بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسپى تەتقىقات مەركىزى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، دەسلەپكى پىلاندا 56 ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە ئايرودورومى قۇرۇش پىلانلانغان.

  نۆۋەتتە، بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسپى تەتقىقات مەركىزى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق ۋىلايەت ( ئوبلاست، شەھەر )لەرگە بېرىپ، شۇ جاينىڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات ئەھۋالى، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پىلانىنى تۈزۈشتە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ستراتېگىيىسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسىپ تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ، ھەم شىنجاڭنىڭ ھازىرقى مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھەم دۇنياۋى نەزەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىغا يۈزلىنىپ، شىنجاڭ قاتناش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە ئورنىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك؛ ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى ياخشى پىلانلاپ، ئايرودرومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى، بوشلۇقتىن پايدىلىنىشى، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پۇقرالار ئايرودورومى ۋە ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلان، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەن، ھەربىي تەرەپ بىلەن يەرلىك بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاش، پىلان ئەمەلىي بولۇشى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، شىنجاڭندىكى مەزكۈر جاينىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان بولۇش كېرەك.

  نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە يۈزلەنگەن ۋە تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر