باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان بىر تىك ئۇچار سۇرىيەدە ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

2016.08.03 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئىيۇل رۇسىيە ئارمىيەسى M-8 تىپلىق رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان سۇرىيەنىڭ ئىدلىب ئۆلكىسىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئايروپىلاندىكى بەش كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن، رۇسىيە ھاۋا قىسىم ۋە ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى مۇداپىئە قىسىمى M-8 تىپلىق رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان بىر تىك ئۇچار تىرانسپورت ئايروپىلانى شۇ كۈنى سۇرىيە ھەلەب شەھىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى توشۇپ، ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىپ بازىغا قايتىپ كېلىش يولىدا ئىدلىب ئۆلكىسىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئايروپىلاندىكى ئۈچ نەپەر ئايروپىلان خادىمى ۋە ئىككى نەپەر رۇسىيە ئەسكەرى قاتارلىق سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ماسلاشتۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېرىمىل سارىيى رۇسىيە ھاۋا قىسىم ۋە ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى مۇداپىئە قىسىمى M-8 تىپلىق تىك ئۇچار سۇرىيەدە ئۇچرىغان ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان رۇسىيە ھەربىيلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر