باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاتاۋ ئېغىزىدا دۆلەت ھالقىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى ئېچىلدى

ئېلىمىز تۇنجى قېتىم تۆمۈريول ئارقىلىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازىنى ئىمپورت قىلدى

2016.08.03 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30- ئىيۇل، ئېلىمىز تۇنجى قېتىم تۆمۈر يول ئارقىلىق قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى قاچىلانغان باكلىق پويىز ئالاتاۋ ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى، بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئېلىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېنىرگىيە يولىغا رەسمىي قۇشۇلۇپ، ئېنېرگىيە سودىسىدىكى يەنە بىر ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت يولى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «بىر بەلباغ ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى تېخىمۇ كۆپ نېفىت گازى بايلىقىنى ئىمپورت قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى، پەقەت شىنجاڭ ئىچىدە، مايتاغ نېفىت خىمىيە زاۋۇتى ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازىغا ئېھتىياج بولىدىكەن. ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى ئالاتاۋ ئېغىزىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، باكقا قاچىلىنىپ، يەنە تاشيول ئارقىلىق مايتاغقا يەتكۈزۈلەتتى، ئەشيا ئوبوروتى تەرتىپى مۇرەككەپ، توشۇش مىقدارى چەكلىك، دۆلەت ئىچىدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تەس ئىدى. ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى بازارنى تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، تۆمۈريول باكلىق ۋاگونىدا يەتكۈزۈش، يوللاش كەسپىنى يولغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر