باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دى دى بىلەن يۇبېرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى مونوپول قىلىشمۇ؟

2016.08.03 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئىيۇل، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شېن دەنياڭ، دى دى بىلەن يۇبېر (جۇڭگو)نىڭ مۇناسىۋەتلىك سودىسى ھەققىدىكى تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ مەركەزلىك ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بايانات كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى داۋاملىق بۇ مەسىلىگە تارتماقتا، يەنى، دى دى بىلەن يۇبېرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بولسا، كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان مونوپول قىلىش مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلماقتا.

  كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دى دى بىلەن يۇبېر (جۇڭگو)نى بىرلەشتۈرۈشكە قارىتا تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ مەركەزلىك ئىلتىماسىنى يوللىمىغان تەقدىرىدىمۇ، بىرلەشتۈرۈلۈش ئالدىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىشى مۇمكىن. بىرلەشتۈرۈلۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەقدىرىدىمۇ، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن مونوپول قىلمىشى پەيدا بولسا، يەنىلا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا دۇچ كېلىدۇ. ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەر يولۇقىدىغان قىيىن مەسىلە ئاساسلىقى يېڭى كەسپ ھالىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى سىتاتىستىكا قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى ئېلىپ كېلىدىغان ئوڭايسىزلىق بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر