باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاڭشادىكى قانۇنسىز ئۆي چېقىشتا بىر كىشىنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسدىكى يەتتە نەپەر كادىرنى قولغا ئېلىش تەستىقلاندى

2016.08.03 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاۋغۇست چاڭشا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يۆلۇ رايونى گۇەنشالىڭ كوچىسى چازىشەن كەنتىدىكى قانۇنسىز ئۆي چېقىشتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بار بولغان. چاڭشا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا گۇەنشالىڭ كوچىسىنىڭ سابىق پارتكوم خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىش بىجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق يەتتە نەپەر كادىرنى قولغا ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەستىقلىغان.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، 28- ئىيۇل چاڭشا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش جىنايىتى بويىچە چازىشەن كەنت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋەن جى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دۇەن چىڭنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى؛ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى بويىچە يۆلۇ رايونى گۇەنشالىڭ كوچىسىنىڭ سابىق پارتكوم خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كېڭەش ئالاقە باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى رېن يىۋېن، ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن دو، ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جۇ جيەنچۈننى قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى.

  7- ئاينىڭ 7- كۈنى، گۇەنشالىڭ كوچىسى چازىشەن كەنتىدىكى بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ قۇرۇلۇش خارابىسىدە ئۆلۈپ قالغانلىقى بايقالدى. چاڭشا شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ۋەقەنىڭ قانۇنسىز ئۆي چېقىشتىن ئۆلۈش كېلىپ چىققان مەسئۇلىيەت ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر