باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوغان ئارمىيەنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىمەكچى بولۇۋاتىدۇ

2016.08.03 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 30-ئىيۇل خەۋىرى] تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 30-ئىيۇل ئارمىيە سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە دۆلەت ئاخبارات ئورگىنىنىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئەردوغان شۇ كۈنى كەچتە تۈركىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئاساسلىق ئىسلاھات تەدبىرى− پارلامېنت قوشۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ۋە دۆلەت ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى زۇڭلىغا دوكلات قىلىشنى بىۋاسىتە زۇڭتۇڭغا دوكلات قىلىشقا ئۆزگەرتىش، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىۋاسىتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىگە دوكلات قىلىش؛ ھازىرقى ھەربىي مەكتەپلەرنى تارقىتىۋېتىپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە ئىنستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش بىلەن بىللە يەنە بىر ژاندارما ئىنستىتۇتى قۇرۇش؛ ئارمىيە دوختۇرخانىسى ئىلگىرىكىدەك قوراللىق قىسىمنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولماي، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى.

  [ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 30-ئىيۇل خەۋىرى] تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 30-ئىيۇل تۈركىيە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا «گۈلەن ھەرىكىتى»نىڭ نەچچە يۈز ئەزاسىنىڭ بىر خىل تېز ئالاقىلىشىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە: گۈلەن پەقەت بىر «شاھمات ئۇرۇقى»، ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر ھەقىقىي «ئاساسىي پېرسوناژ» بار، دېدى.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقۇچىلار ۋە «گۈلەن ھەرىكىتى»نىڭ قوللىغۇچىلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە 16 مىڭ كىشىنى قولغا ئېلىپ، 65 مىڭ كىشىنى تازىلاشقا قارىتا بىر خىل تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە 30-ئىيۇل 758 ئەسكەر ۋە ھەربىي مەكتەپنىڭ 62 ئوقۇغۇچىسىنى قويۇپ بەردى.

  [ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 30-ئىيۇل خەۋىرى] تۈركىيە قوراللىق قىسىمنى كەڭ دائىرىلىك تەڭشىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تەخمىنەن 50 مىڭ كىشىنىڭ پاسپورتىنى بىكار قىلدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا سەئىد: ھازىر 18 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئەردوغاننى تەختتىن چۈشۈرمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى، يەنە نەچچە مىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

  بەزىلەر ئەردوغاننىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى. دۆلەتكە قاراشلىق ئانادولۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن نەقىل كەلتۈرۈپ: ئەردوغاننىڭ باستۇرۇشى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى ياكى خىزمەتتىن توختىتىلدى. بۇ، ئەدلىيە، مائارىپ سىستېمىسى، تاراتقۇ ۋە داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتچىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى، دېدى.

  [ئامېرىكا ئاۋازى رادىيو ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ 31-ئىيۇل خەۋىرى] تۈركىيە ھۆكۈمىتى 15-ئىيۇلدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى. 30-ئىيۇل، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ 60 ياللانما خادىمى ۋاقتىنچە خىزمەتتىن توختىتىلدى.

  ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا: بۇلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلىغىچە خىزمەتتىن توختىتىلىدۇ، دېيىلدى. يەنە سەككىز ياللانما خادىم خىزمەتتىن بوشىتىلدى ھەم 18-ئىيۇل قولغا ئېلىندى.

  [بۈگۈنكى رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ 31-ئىيۇل خەۋىرى] تەخمىنەن 7000 قوراللىق ساقچى 30-ئىيۇل ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ش ئا ئە ت نىڭ ئاداناغا جايلاشقان ئىنجىرلىق ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قامال قىلدى. بۇ بازا ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

  تۈركىيە ھۆرىيەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادانا ساقچىلىرى يېڭى بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش توغرىسىدىكى ئاخباراتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيەسى دەرھال بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان. بۇ بازىنىڭ كىرىش ئېغىزى قامال قىلىنغان.

  شاھىتلار تارتىۋالغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، نەق مەيداندا مىلتىق بىلەن قوراللانغان خەۋپسىزلىك قىسىمى، يەنە تۈركىيە زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ساقچىلىرى ئىشلىتىدىغان زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش بىرونېۋىكى بار ئىكەن.

  تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى تىۋېتتېر تورىدا بۇ ئەھۋالنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ: ئۇ ۋاقىتتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغان، بىز ئادەتتىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردۇق، ھېچقانداق ئالاھىدە ئىش يوق، دېدى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ بەزى قوللىغۇچىلىرى بازا ئەتراپىدىكى ئېھتىيات سىزىقىغا بۆسۈپ كىرگەن، لېكىن كۆلىمى ۋە جىددىيلىك دەرىجىسى يېقىندا ئادانادا يۈز بەرگەن بازىنى تاقاش توغرىسىدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە يەتمەيدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر