باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلى خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2016.06.17 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلىي تېمىسى: قانۇن بويىچە خەلق ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش __ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت

  __جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلى خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى مەزگىلدە، ئىجتىمائىي جامائەت پىكرىدە خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشى قاتارلىق مەسىلىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىگە قارىتا ج خ مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى, نوپۇس باشقۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  سوئال: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئاھالە كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشىنىڭ قانداق رولى بار؟

  جاۋاب: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئاھالە كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشى — قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە زەربە بېرىش، جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. بۇ، ئۇزاق ۋاقىتلىق ئەمەلىي تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، شۇنداقلا خەلق ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. خەلق ساقچىلىرى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاھالىلەر كىملىكىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى خەلق ساقچىلىرىنىڭ كەسىپچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ، كەڭ ئاممىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. مەسلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ھەر يىلى كىملىكنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق زور مىقداردىكى جىنايەت گۇماندارىنى ۋە قېچىپ يۈرگەن نۇرغۇن قاچقۇنلارنى قولغا چۈشۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، پەقەت بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كىملىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 11 مىڭ قاچقۇننى قولغا چۈشۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر بار. يەنە مەسىلەن، بەزى چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى ئامانلىقنى قوغداش خىزمىتىدە، كىملىكنى قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىخەتەرلىككە دائىر خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. ھازىر كىشىلەرنىڭ ئوبوروت، ئۇچۇر ئېقىمى يۆتكىلىشى تېز بۈولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئەگەر خەلق ساقچىلىرى ئاھالىلەر كىملىكىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرمىسە، ئەڭ ئاخىرىدا زىيانغا ئۇچرايدىغىنى جامائەت بىخەتەرلىكى، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بولىدۇ.

  سوئال: خەلق ساقچىلىرى قانداق ئەھۋالدا كىملىكنى تەكشۈرىدۇ ؟

  جاۋاب: كىملىك تەكشۈرۈش جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇندىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تۈرلۈك كۈندىلىك قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىدا، خەلق ساقچىلىرى قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە دۇچ كەلگەندە، قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرسە بولىدۇ: بىرىنچى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت سادىر قىلدى دەپ گۇمانلانغاندا، سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛ ئىككىنچىدىن، نەق مەيداننى قانۇن بويىچە تىزگىنلىگەندە، ئالاقىدار خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛ ئۈچىنچى، جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە، نەق مەيداندىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛ تۆتىنچى، ۋوگزال، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى، پورت، پىرىستان، ئايرودۇرۇمدا ياكى چوڭ تىپتىكى پائالىيەت مەزگىلىدە رايون تەسىس قىلغان شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن سورۇنلاردا، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە؛ بەشىنچى، قانۇندا سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش زۆرۈر دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. بۇنىڭدىن سىرت، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى»دىمۇ بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بار. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشى قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن.

  سوئال : پۇقرالار خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشىگە يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك ؟

  جاۋاب: خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە كىملىك تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىش پۇقرالارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى. پۇقرالارنىڭ كىملىك ئېلىپ يۈرۈشى ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىق بولۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ ئىمكانقەدەر كىملىك ئېلىپ يۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم پۇقرالارنىڭ ئۆزىنىڭ سالاھىيەت نومۇرىنى يادىدا تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ئۇچرىغاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىملىكىنى چىقىرىشى ۋە تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك.

  كىملىك ئېلىۋالمىغانلارنىڭمۇ جىددىيلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق، خىزمەت كىنىشكىسى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى, موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى، پاسپورت قاتارلىق كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىلەر بىلەن سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىسا بولىدۇ. ئۆزىنىڭ كىملىك نومۇرى، ئىسىم-فامىلىسى، تۇرۇشلۇق ئورنى، خىزمەت ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىپ، ساقچىلارنى تەكشۈرۈش بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتتە، ھەممە كىشى قانۇنغا بويسۇنۇشى، قانۇن ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇننى ئىشلىتىشى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشى كېرەك. بۇ ھەم پۇقرالارنىڭ قانۇنغا بويسۇنۇشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  سوئال: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشىگە قارىتا قانداق تەلەپلىرى بار ؟ پۇقرالار خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشى قېلىپلاشمىغان، دەپ قارىغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟

  جاۋاب: خەلق ساقچىلىرى ئاھالىلەر كىملىكىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرگەندە، ئالدى بىلەن سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈشى ھەم قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛ قانۇننى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، باشتىن - ئاخىر قائىدىلىك، مۇلايىم، مەدەنىيەتلىك، قېلىپلاشقان ھالدا قانۇن ئىجرا قىلىشى لازىم، ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر كۆرۈش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىسمەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىنىڭ قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى ۋاقتىدا تەربىيە بېرىپ، ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  پۇقرالار خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى قېلىپلاشمىغان دەپ قارىسا، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ساقچىلارنى نازارەت قىلىش تارمىقىغا پاش قىلسا بولىدۇ، 110 غا تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ، يەنە قانۇن يولى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىسىمۇ بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پۇقرالارنىڭ پاش قىلىش، ئەرز قىلىشىغا قارىتا ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، ئەھۋال راست بولۇپ چىقسا، قانۇن - ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى، ھەرگىز يوشۇرماسلىقى، ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالماسلىقى كېرەك.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ ئاممىنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  سوئال: ئەگەر پۇقرالار خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە كىملىك تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشنى رەت قىلسا، قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

  جاۋاب: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى»دا، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە كىملىك تەكشۈرۈشى رەت قىلىنسا، ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللار پەرقلەندۈرۈلۈپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . قانۇن ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى» ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ھالەت قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  مەسلەن، نەق مەيدان كونترول قىلىنغاندا خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا ماسلاشمىغاندا، نەق مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كەتسە بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ. يەنە مەسىلەن ، زوراۋانلىق بىلەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا قارشىلىق قىلغانلار جامائەت ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىككە ئەسكەرتىدىغىنىمىز، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئاھالىلەر كىملىكىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى «بىرسىدىن قۇسۇر ئىزدەش» ئەمەس ھەم «كۆزىگە سىغمىغانلىق»مۇ ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۇر، پۇقرالارنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئاھالىلەر كىملىكىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىنى چۈشىنىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشىنى ھەم ياخشى بولغان ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سوئال: يوقاپ كەتكەن، ئوغرىلانغان كىملىكنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟

  جاۋاب: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يوقاپ كەتكەن، ئوغرىلانغان كىملىكنى سۇيىئىستېمال قىلىش مەسىلىسىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى كىملىكنى ئېلىپ – سېتىش، سۇيىئىستېمال قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارىتا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاھالىلەر كىملىكىگە بارماق ئىزى تىزىملاش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كىملىك يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. لېكىن، بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ھەر قايسى كىملىك ئىشلەتكۈچى پۇقرالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئېھتىياجلىق.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئالاقىدار گۇۋاھنامىگە قارىتا قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىملىك باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كىملىكنى سۇيىئىستېمال قىلغان خادىملارغا قارىتا ئالاقىدار تارماقلار قارا تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سەمىمىيەتسىزلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. كىنىشكا ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنى بېجىرگەن ۋاقىتتا، كىملىكتىكى سۈرەت، بارماق ئىزى ئۇچۇرى سېلىشتۇرمىسى، يوقالغانلىق ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، گۇۋاھنامىنىڭ راسىت-يالغانلىقىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى، ئادەم بىلەن گۇۋاھنامەنىڭ بىردەكلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ باشقىلارنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پۇقرالار قانۇن بويىچە گۇۋاھنامە ئېلىش كېرەك، بىر ئادەمنىڭ پەقەت بىرلا كىملىكى بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش، يوقىتىپ قويۇشتىن، ئوغرىلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ قانۇنلۇق ئىشلىتىش، ئىجارىگە بەرمەسلىك، ئارىيەتكە بەرمەسلىك، كىملىكنى ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىك، ياسىتىۋالغان ۋە ئۆزگەرتىۋالغان كىملىكنى ئىشلەتمەسلىكى لازىم.

  سوئال: پۇقرالارنىڭ بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى تىزىملاتقان كىملىكىنىڭ قانداق پايدىسى بار ؟

  جاۋاب: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى»دا، پۇقرالار كىملىك ئالغاندا، ئالماشتۇرغاندا، قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى تىزىملىتىشى كېرەك. ئاھالىلەر كىملىكىگە بارماق ئىزى كىرگۈزۈشى گۇۋاھنامە تارقاتقۇچى ئورۇننىڭ تېز، توغرا تەكشۈرۈشىگە قولايلىق بولۇپ، باشقىلارنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ ئاممىنى تېزدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بېرىپ، بارماق ئىزى ئۇچۇرى بار بولغان ئاھالىلەر كىملىكىنى ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر